ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا چاقىردى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 4 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى.

xelqara-teshkilat-xitay-olum-jazasi-toxtutush-385.jpg
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندىن كۆرۈشۈش. 2011-يىلى 23-سېنتەبىر. (RFA/Arslan)

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ دەستەكلىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى پوچتىخانا ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىنسانى ياردەم فوندى، مەزلۇملار جەمئىيىتى، ئىنسانى مۇداپىئە ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتى، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈركلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە كۆپ ساندا ئاخباراتچىلار، گېزىت-تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىمۇ كەلدى.

ئۇيغۇرلار قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاخبارات ئېلان قىلىش مەيدانىغا كەلدى. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدا خىتاينىڭ زۇلۇم-ئىسكەنجىلىرىنى ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىملىك سۈرەتلەر بولۇپ، بەزى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سوتقا تارتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆتۈرگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر يىغىنىغا قاتناشقان ئاخباراتچىلار ۋە گېزىت-تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ناھەقچىلىك ۋەزىيەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ئىككى پارچە مەكتۇپنى فاتىھ پوچتىخانىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەۋەتتى. كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن، ئابدۇغېنى يۈسۈپ، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختار ھەسەن ۋە مەمەتنىياز تۇرسۇن ئىسىملىك 4 ئۇيغۇرنىڭ جىنايەت ئىشلىگەنلىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىسىمۇ، ئۇلارنى قىيناش ئارقىلىق بىر قىسىم جىنايەتلەرنى ئۈستىگە ئارتىپ قوبۇل قىلدۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ 21 كۈندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە يەنە 7-ئايدىن بۇيان دىنىي دەرس ئوقۇغان ۋە دەرس ئۆگەتكەن ئۇيغۇرلاردىن 3000 كىشىنى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، سوت ئاچماستىن ئۆلتۈرۈش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش، مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قانۇنسىز كۆچۈپ كېلىشى، دىنىي تەلىم-تەربىيىگە چەكلىمە قويۇش، ئىبادەتنى چەكلەش، مەمۇرىي خىزمەتلەردىن مەھرۇم قىلىش، ئەيدىزگە ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىتىلىشى، ئۇيغۇر قىزلارنى ئېشىنچا ئەمگەك باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاخباراتلارنىڭ چەكلىنىشىگە ئوخشاش دەپسەندىچىلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى ھالغا كەلتۈرۈلدى. بۇ خىل ناچار ۋەزىيەتتە ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاددىي ھوقۇقىنى قوغداش تەلەپلىرىمۇ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلۇۋاتىدۇ. 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى بۇنىڭ ئوچۇق مىسالىدۇر. ئۆتكەن ھەپتە 4 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، بۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىتىش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: قىممەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان ياشاش ھوقۇقىنىڭ پۈتكۈل ھەق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئالدىدا قوغدىنىش كېرەكلىكىنى، شۇ سەۋەبىدىن بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى. بۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇجېلىل تۇران ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇت بايقال ئەپەندىلەرنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.