خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالىدۇ


2005.09.30

abduxelil-abdumijit-150.jpg
غۇلجا ۋەقەسىدىكى ئاساسلىق شەخسلەرنىڭ بىرى ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت 2000-يىلى 15- ئۆكتەبىر تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ئېشىياڭ بۇ ھەپتە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازالىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۈچ جىنايى ئىشلار سوتىنى تەسىس قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانىدا باشقا ئورگانلارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي مەتبۇئالىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەن ئېشىياڭ خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما ئۇ خىتايدا ھازىرچە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقى كىلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزىلىدۇ.

ناھەق دېلولار ئۈزۈلمەي پاش بولماقتا

بۇ يىل خىتايدا ئارقا- ئارقىدىن ناھەق، خاتا كېسىلگەن چوڭ دېلولار پاش بولۇپ، جەمئىيەتتە خىتاينىڭ ئەدىلىيە سېستىمىسغا گۇمان ۋە نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ دېلولار ئىچىدە، ئايالىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ، 15 يىل تۈرمىگە تاشلانغان يۈشياڭلىننىڭ دېلوسى، بىر ئايال كۈتكۈچىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلنغان تىڭ شىڭشەننىڭ دېلوسى قاتارلىقلار بار. كىيىن، بۇ ئىككى دېلودا ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارالغان ئاياللارنىڭ ساق- سالامەتلىكى مەلۇم بولغان. بۇ خىل ناھەق دېلولار خىتايدىكى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئۆلۈم جازاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىنىڭ تۆۋەڭە بېرىلىشىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەرىلەن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قانۇن فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى چيو خۇڭدا ئەپەندى، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۈچ سوت تەسىس قىلغانلىقى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلار سانىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالغان تەغدىردىمۇ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش جەريانىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەسلىكىنى كۆرسەتتى:

" خىتاي سوت مەھكىمىلىرىدە مەۋجۇت بولغان ئەڭ چوڭ مەسىلە، ئۇنىڭدا گۇماندارلارنى خەلق سوتچىلىرى ئەمەس، خەلق سوت مەھكىمىسى سوتلايدۇ. شۇڭا دېلولار يەنىلا سوت كومىتېتىنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ. بۇنداق بولغاندا باشقا ئورۇنلارنىڭ ئارىلىشىشىنى توسۇپ، ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلماق تەس. شۇڭا خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى بەكلا كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادۋوكاتلار بۇنى تەكشۈرەلمەيدۇ".

خىتايدا ھەتتا چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك قاتارلىق زوراۋانسىز جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدىغان بۇنداق جىنايەتلەردىن خىتايدا 67 سى بار. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسى ئىشەنچىلىك ئەمەس.

ئىككى قېتىم بېرىپ، ئىككى قېتىم تارتىۋېلىش

خىتاي ھۆكۈمىتى 1970 - يىلى " كۈرەش قىلىش، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى" ئېلىپ بارغان مەزگىلدە، ھەربىي ئىدارە قىلىش ئورگانلىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىنى ناھىيە ۋە پولىك دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چۈشۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە سوتسىز ۋە سوراقسىز نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

1979- يىلى خىتاي يېڭى " جىنايى ئىشلار قانۇنى" ، " جىنايى ئىشلار ئەرزىيەت قانۇنى"كنى ئېلان قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەمما تۆت يىلدىن كىيىن، خىتاي " جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى باشلاپ، شۇندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە چۈشۈرۈپ بەرگەن.

ئامېرىكىدا قانۇن ئىلمىدە دوكتور ئاسپرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ئۆلكە دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقى بولغاندا، ناھەق، خاتا كېسىلگەن دېلولارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋېلىشى ئىجابىي بىر قەدەم بولسىمۇ، بىراق بۇ ئارقىلىق، سوتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتايدا 67 تۈرلۈك جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەدىلىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 4 - ئايدا خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ لوندوندىكى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بەن كاردېرس خىتاينىڭ قانۇنىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدىغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكى، سوتنىڭ ئادىل بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ قوللىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"خىتايدا ھەتتا چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك قاتارلىق زوراۋانسىز جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدىغان بۇنداق جىنايەتلەردىن خىتايدا 67 سى بار. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسى ئىشەنچىلىك ئەمەس".

ئۇ يەنە، خىتايدىكى " جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ، سوت مەزگىلىنىڭ قىسقا بولىشى ۋە ئەدىلىيىنىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ خاتا ۋە ناھەق دېلولارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

چىيۇخۇڭدا ئەپەندى ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مەدەنىي ئەللەرگە ئوخشاش، ئالدى بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.