ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پارىخور ئەمەلدار: 'خىتاي تۈزۈلمىسى چىرىكلىكنىڭ مەنبەسى' دېدى

خىتاي ھۆكۈمىتى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېن چياڭنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا پارىخور ئەمەلدار ۋېن چياڭنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ھېس - تۇيغۇلىرى يېزىلغان ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ۋېن چياڭ خېتىدە، "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىسى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىدىكى ھەقىقىي مەنبە" دېگەن.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىسى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىدىكى ھەقىقىي مەنبە

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەت ئېلان قىلىنغان تور بېكەتلىرى 10 نەچچە مىڭغا يەتكەن. ھازىرغىچە خىتاي تور بەتلىرىدە، گەرچە بۇ ئوچۇق خەتنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋېن چياڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغانلىقىغا قارىتا تالاش - تارتىشلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەتتە دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چىرىكلەشكەن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى راست سۆزى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.

ۋېن چياڭ خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قايىل بولمىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىگە ئوخشاش چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدىن تېپىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تەلىيى كاژ كېلىپ بۇ قىسمەتكە قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چىرىكلىشىپ بۇ دەرىجىگە يېتىشىگە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەم دۆلەت تۈزۈلمىسى سەۋەبكار بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەيىبلەش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

"مەن ئۆز ئادەملىرىمنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان بولدۇم"

ۋېن چياڭ ئوچۇق خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان: "مەن بىر ئۆمۈر قانۇن ئورۇنلىرىدا ئىشلىدىم، نۇرغۇن دېلولارنى بىر تەرەپ قىلدىم، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدىم، ئەسلى كۆڭلۈمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆزۈم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىم مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم، ئەمما بۈگۈن ئۆز ئادەملىرىم تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندىم، مەن بۇ ئاقىۋەتنى ئويلىمىغان ئىدىم."

"مەندەك بىر ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدۇ!"

ۋېن چياڭ خېتىدە ئۆزىگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنىڭ خىتايدا نۇرغۇنلىقىنى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا خىتايدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىكنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ھەممەيلەن مېنى نۇرغۇن پۇلنى پارا ئالدى، نۇرغۇنلىغان قىز - ئاياللارنى دەپسەندە قىلدى دەپ ئەيىبلەشمەكتە. مەن بۇلارنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھەر قانداق بىر ئادەمنى مېنىڭ خىزمەت ئورنۇمغا قويسا ئۇ كىشى پارىخورلۇق قىلىدۇ، ئاشنا ئوينايدۇ، قىمار ئوينايدۇ، ھەتتا چىرىكلىكتە مەندىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرقى شارائىتتا ئەگەر بىر ئەمەلدار پارىخورلۇق قىلمىسا، چىرىكلەشمىسە، سىز ئىشىنەمسىز؟ ئۇ كىشى خىزمەتنى قانچە ياخشى ئىشلىگىنى بىلەنمۇ، ئۇنداق كىشىنىڭ ئېتىبارى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل تۈزۈملا بولىدىكەن، ئەمەلدارلار پارا ئالىدۇ، پارا بېرىدۇ. مەندەك بىر ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولاتتىمۇ؟"

"مېنىڭ چىرىكلىشىشىمگە بۇ تۈزۈم، بۇ جەمئىيەت جاۋابكار!"

ۋېن چياڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئائىلە تەربىيىسى ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ھازىرقى تۈزۈم ھەم جەمئىيەت سەۋەب بولغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: " كىچىكىمدە مەن ئەركە ئۆسمىگەن ئىدىم، ئانام ماڭا ياخشى ئادەم بولۇش، باشقىلارغا زىيان سالماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلاتتى، ئۇ دائىم ئىلگىرىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقنى قاقشاتقانلىقى ئۈچۈن ئاغدۇرۇلغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. مانا قاراڭلار، ھازىرقى ئەمەلدارلار گومىنداڭ دەۋرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئەسكىلىشىپ كەتتى. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىلا خالاس! مەن گەرچە چىرىكلىكتە ئەيىبلەنگەن بولساممۇ، لېكىن خەلق ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىممۇ ئاز ئەمەس، مەن ھەر ھالدا خەلق مەنپەئەتىنى ھېچقاچان ئويلىمايدىغان باشقا ئەمەلدارلاردىن كۆپ پاكمەن. مېنى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى، ھازىرقى تۈزۈم، مۇشۇ جەمئىيەت."

"ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى تېخىمۇ ئېغىر!"

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تېخى يېقىندىلا تەخىتتىن چۈشكەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ ۋېن چياڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " مېنىڭچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ چىرىكلىكى خىتايدىكى ھەر قانداق بىر ئەمەلدارغا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئېغىر. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقى، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ۋاڭ لېچۈەنگە نىسبەتەن خەلقنىڭ نارازىلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇنى 20 يىلغىچە جازالىمىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇنى جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر شەپە يوق."

"خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىلا بولىدىكەن، خىتايدىكى چىرىكلىك يوقالمايدۇ"

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول قويۇش ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلىشى، چىرىكلىشىشى ھازىر ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول قويۇش ئارقىلىقلا، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىۋاتقان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خىتايدىكى چىرىكلىك يوقالمايدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.