بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن 2011- يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۆچۈكچەكمەجە شۆبە باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ، كۆچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى ئېزىز يېڭىئاي، تۈركىيىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى ئۆمەر دىنچېر قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى.
مىنىستىر ئۆمەر دېنچىر سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەرد ئەلەملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن، سىلەرنىڭ دەردىڭلار بىزنىڭ دەردىمىز. قاچانىكى رابىيە خانىم تۈركىيىگە كېلىشنى خالىسا، مەن باش مىنىستىرلىكىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىڭلار دەپ تەلىمات بەردىم. قاچانىكى رابىيە خانىم تۈركىيىگە كېلىشكە تەييار بولسا، خىتايلار ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى بىلەن قوللىرىدا رەسمىي ھۆججەتلەر بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايسىلەر، دەيدۇ. بىز ھەر قاچان رابىيە خانىم تەرەپ بولۇپ مەيدانىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلدۇق.
يىغىندا يەنە كۆچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان بىر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم مىنىستىر ئۆمەر دىنچېر ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تون ھەدىيە قىلدى.
بىز يىغىن ئاخىرىدا مىنىستىر ئۆمەر دېنچىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك مىنىستىر ئەپەندىم، سىز بۇ يەردە بۈگۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدىڭىز، سىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
جاۋاب: تارىختا شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركلەرنىڭ بايراقلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان خىتايلارغا قارشى چىقىپ، ئۇ بايراقنى ئىپتىخارلىق بىلەن قولىغا ئالدى. 150 يىل شەرەپ بىلەن ئېگىز كۆتۈردى ۋە بۈگۈنگىچە بىزنىڭ بۇ دەۋرگە كەلگەنگە قەدەر بىز ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. 750- يىللاردا كۆكتۈرك دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايلار پۈتكۈل تۈركلەرنى ئۇ رايوندىن قوغلاپ ئۇلارنى دۇنيادىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر رەھبەرلەر مەيدانغا چىقتى ۋە ئۇ يەردە ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇردى. ئۇيغۇرلار بىزنى نەچچە يۈز يىل قوغدىدى. بىز شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلدۇق. بۇ تۈرك تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى بەلگىلىگەن مۇھىم بىر نۇقتا. بىز شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر زامان تەقدىرلەيمىز ۋە ياد ئېتىمىز. مەيلى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دەرتلىرى بىزنىڭ دەردلىرىمىز، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر قانداق يەردە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشى كېرەك.
سوئال: ھۆرمەتلىك مىنىستىر ئەپەندىم 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. سىز بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: بۇ مۇناسىۋەتتىن ھېچ كىم بىئارام بولمىسۇن، ئەگەر ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ قارشىلاشساق، ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاينىڭ قولىدا گۆرۈگە ئېلىنغانغا ئوخشاش تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۈزۈپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەملىكنى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇمكىن ئەمەس، ئەڭ ئۇيغۇن يول مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، ۋە ئۇ مۇناسىۋەتلەر كۈچلەنگەنسېرى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەردە كۈچلۈك بىر ھالەت پەيدا قىلىشىمىز كېرەككى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈزۈلسە خىتايغا زىيان بولىدىغان بىر ھالەت يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىيالىغۇدەك كوزىر ۋە كۈچ بولۇش ئۈچۈن بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، ئەلۋەتتە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار گۆرۈگە ئېلىنغان ھالەتتە. بىزنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشىمىز ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شۇنى بىلىشى كېرەككى، سىبىرىيە بىلەن بىز ئوخشاش مۇناسىۋەت قىلىۋاتىمىز. سىبىرىيە بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز، نېمە ئۈچۈن دېگەندە، سىبىرىيىنىڭ ئىچىدە بوسنىيە ھەرسەكتە، ماكادونىيىدە، كوسۇۋادا، سانجاقتا مۇسۇلمان ئىنسانلار بار، ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىلىكىدە مەھكۇم كۆرۈنىدۇ. بىز ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىپ سۆزىمىزنى ئاڭلىتالايدىغان بىر كۈچكە ئىگە بولساق، ئاندىن تەسىرى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈركلەرنىڭ بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسەتلەر ئەمەس، ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئەندىشە قىلمىسۇن.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن مۇمىنجان ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.