بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن پاكىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى. قانۇنىي تەرتىپ بويىچە، يېقىندا مەزكۇر مىنىستىرلىق، مەزكۇر ئەرزگە قارىتا ئالىي سوتقا جاۋاب يوللىغان. مىنىستىرلىق جاۋابىدا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پاكىستان دۆلىتىگە قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئامېرىكىغا قېچىشنى پىلانلىغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى بايان قىلغان. مىنىستىرلىق سوتتىن مەزكۇر ئەرزنى بىكار قىلىش بىلەن بىرلىكتە دەۋاگەرلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
يېقىندا پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىغا، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ داۋاغا قارىتا جاۋابىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ يوللاپ بەرگەن. سوتنىڭ بۇ قەغىزى ئىنگلىزچە تەييارلانغان بولۇپ، بۇ خەت تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

A. دەۋاگەر: مۇھەممەد ئۆمەر خان، مۇھەممەد ئەكبەر خان
B. جاۋابكار: پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى
جاۋابكارنىڭ چۈشەندۈرۈشى:
- ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دەۋاگەرلەرنىڭ دۆلەتكە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەم پات يېقىندا ئامېرىكىغا قېچىشنى پىلانلىغانلىقى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، بىخەتەرلىك تارماقلىرىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
- ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بارلىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، دەۋاگەرلەرنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، چېگرادىن چىقىشتىن چەكلىدى.
- يۇقىرىقى پىكىرگە ئاساسەن، ئالىي سوتنىڭ مەزكۇر داۋانى ئىناۋەتسىز قىلىشىنى ۋە دەۋاگەرلەرنى جازالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ۋە دەۋاگەر ئۆمەرجان بۇ توغرىسىدا ئوز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى. ئۆمەرجان پىكرىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما، دۆلىتى پاكىستانغا قارشى ئەيىبلىگىنى ئۈچۈن ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە ئالىي سوتنىڭ ئاخىرى توغرا قارارنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ تەركىبىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلاردىن بىرى، ئابدۇقېيىم شەمشىدىندۇر. ئابدۇقېيىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي سوتقا بەرگەن جاۋابىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى، بېسىمى مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى پاكىستانغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئامېرىكىغا قېچىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرغان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.