ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى بارىن ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا پاكىستاننىڭ ئىسلامابات شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشىدا، بارىن ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارىن شېھىتلىرىنىڭ رۇھىغا قۇرانى كەرىم ئوقۇتقاندىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ زالىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە پاكىستاننىڭ ئىسلامابات شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى مەسئۇللىرىدىن ئەكبەر ئوسمان ئەپەندى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بۇنىڭ پاكىستاندا ياشاۋاتقان ۋەتىنىگە بېرىپمۇ باقمىغان ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە بۇرۇن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولغانلاردىن خەۋەردار ئەمەسلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەسىرلىنىپ ۋەقىپ قۇرۇپ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپىنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى ئۆمەر ئوسمان ئەپەندى ئۆزىنىڭمۇ ئەمدى ۋەقپىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىدە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ھالدا ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.