ئامېرىكا 66-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسىدىكى سىناققا دۇچ كەلدى

چارشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە باشلانغان ب د ت نىڭ 66‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن ب د ت غا رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر پەلەستىن ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنسا، ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ھوقۇقىنى قوللىنىپ، پەلەستىننىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق پەلەستىن دائىرىلىرى ئەزالىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغان ئىدى. پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس جۈمە كۈنى ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ سەۋەبلىك پەلەستىن مەسىلىسى ب د ت نىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۆتكەن يىلى سىنتەبىردىكى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، كېلەر يىلى پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت ئوباما ئۈچۈن، چۈشەندۈرۈش تەس بىر سىناقتۇر، دەپ كۆرسەتمەكتە. پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ زور بىر قىسمىدا ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ جىددىي سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقى پەلەستىن -ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بولۇپمۇ بۇ ھەپتە، مۇشۇ زالدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەيدانى بۇ پرىنسىپنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلىمەن. بۇ شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈنمۇ بىر سىناقتۇر. بۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش. بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال مەن بۇ سەھنىدە تۇرۇپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىگە خىتاب قىلغان ئىدىم. مەن بۇنىڭغا بۇرۇنمۇ ئىشەنگەن ۋە ھازىرمۇ ئىشىنىمەنكى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار. بىراق مەن يەنە شۇنى ئەسكەرتمەكچى، ھەقىقىي تىنچلىق پەقەت ئىسرائىل ۋە پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىراق ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن تىرىشچانلىقىغا قارىماي، بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى ئاشالمىدى.»

لېكىن پەلەستىننىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىغا بەزى توسالغۇلار مەۋجۇت. ب د ت نىزامنامىسىگە ئاساسەن رەسمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغان ھەرقانداق دۆلەت چوقۇم خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بىراق ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتتىن ھەرقانداق بىر دۆلەت قارشى چىقسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمەيدۇ. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا پەلەستىننىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىنى رەت قىلسا، ئۇنىڭ ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پرېزىدېنت ئوباما ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، ئىككى تەرەپنى ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى يېڭىپ، كېلىشىمگە كېلىشكە چاقىردى.

ئۇ «مەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىلگىرىلەش يوقلۇقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى دېيەلەيمەنكى، مەنمۇ بۇنىڭدىن بىئارام. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە بىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئەمەس، بەلكى بۇ نىشانغا قانداق يېتىش مەسىلىسى. مەن شۇنداق دەپ قارايمەنكى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئاسان يولى يوق. تىنچلىق ناھايىتى قىيىن مەسىلە. تىنچلىق ب د ت نىڭ بايانات ئېلان قىلىش، قارار ماقۇللىشى بىلەن كەلمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئۇنچىلىك ئاسان بولىدىغان بولسا، بۈگۈنلا ھەل بولغان بولاتتى. ئومۇمەن بۇ يەردىكى بىرگە ياشايدىغانلار ئىسرائىللار بىلەن پەلەستىنلىكلەر. قىسقىسى ئۇلارنى ئايرىپ تۇرغان مەسىلىلەردە، جۈملىدىن چېگرا، بىخەتەرلىك، مۇساپىرلار، ئېرۇسسالىم قاتارلىق مەسىلىلەردە چوقۇم كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك بولغانلار بىز ئەمەس، بەلكى ئىسرائىللار بىلەن پەلەستىنلىكلەردۇر» دەپ كۆرسەتتى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر پەلەستىن ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا ئىلتىماس قىلسا، ب د ت نىزامنامىسىگە ئاساسەن ئۇ چوقۇم 193 ئەزا دۆلەتنىڭ 3 دەن 2 قىسمىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. بۇ دېگەنلىك ب د ت دىكى 129 ئەزا دۆلەت قوللاپ، ئاۋاز بېرىشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر 126 دۆلەت پەلەستىننىڭ ئەزالىقىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق پەلەستىن يەنە 3 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى لازىم. ئۇنىڭ بۇنىڭغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
لېكىن، پەلەستىن 3 دەن 2 قىسىم دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ پەقەت «كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك» سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، «كۆزەتكۈچى تەرەپلىك» سالاھىيىتى دۆلەتلىك ئورۇنغا يۈكسىلىدۇ خالاس. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى پەلەستىن مەسىلىسىنى كېلىشىم بىلەن ھەل قىلىش، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما ب د ت دىكى سۆزىدە يەنە، لىۋىيە خەلقىنىڭ كازافىي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى كۈرىشى ۋە جاسارىتىنى مەدھىيىلەپ، بۇ يىلنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولغانلىقىنى، دىكتاتورلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى چىتقا يېيىلغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كازافىي ھاكىمىيىتى يوقالدى. گباگو، بىن ئالىي، مۇبارەكلەر ھوقۇقتىن ئايرىلدى. ئۇساما بىن لادىن ئۆلدى شۇنداقلا دۇنياغا پەقەت زوراۋانلىقى ئارقىلىقلا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ، دەيدىغان ئىدىيە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەپن قىلىندى. دۇنيامىزدا بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەينەن تەكرارلىنىشى ناتايىن. خىيانەتچىلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى، دىكتاتورلارنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى. تېخنولوگىيە خەلقنىڭ قولىغا كۈچ ئاتا قىلدى. ياشلار دىكتاتورلۇقنى رەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قالدى شۇنداقلا يەنە بەزى ئېرقلار، خەلقلەر، دىنلار ۋە مىللەتلەر دېموكراتىيىگە لايىق ئەمەس دەيدىغان سەپسەتىنى رەت قىلدى.»

ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەممە كىشى بىلەن پىكىرداش بولالمايدىغانلىقىنى، بىراق خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‏ئوباما «بىز ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاللاپ، ئۆز خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. ئامېرىكا ھەر بىر تەرەپ ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىغا قوشۇلۇشى ناتايىن. بىراق ئامېرىكا بۇ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە دائىم چىڭ تۇرىدۇ. يەنى ئەركىن، ئادىل سايلام ھوقۇقى، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتكار باشقۇرۇش، ئاياللار ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل ۋە باراۋەر بولۇشتەك ئادالەتنى ياقلايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.