ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىشلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سىياسىي ھەمدە ئىقتىسادى بېسىملار تۈپەيلى، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەتئەللەردە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ياشاش يولى ئىزدىمەكتە. ئومۇمەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىشى نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى خۇددى بۇ ياشلارغا ئوخشاش ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان، ھازىر كومپيۇتېر ساھەسى بويىچە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان كيۇسېرا شىركىتىدە يېتەكچى ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئوبۇلقاسىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئوقۇش ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.