ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا-شەرق، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا شەخسى خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان. مەزكۇر ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىشكە باشلىغانلىقى، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەزكۇر ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشقا قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. خىتاينىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەزكۇر ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، بىرلىك سەپنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى دەپ قارالماقتا.
خىتاينىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى مۇراسىمدا ئەزھەر قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قىسمەن تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلگەن شۇنداقلا «مىسىردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلمىي خادىملار بىرلەشمىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى خەۋىرىدە، مىسىرغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان 111 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇكاپات ئالغانلىقى، ئۇلارنىڭ 80 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر، قالغىنىنىڭ تۇڭگان ئىكەنلىكى، مۇكاپاتى ئالغانلار مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر پروگراممىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» دەپ نام قويۇلغانلىقى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن چىقارغان بىرلىكسەپنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بەزى سىياسەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىغا دائىر سوئاللارنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئەلچىخانا خادىمى سوئاللىرىمىزنى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرىقى مائارىپ مەسلىھەتچى خادىمى، «بىزنىڭ تور بېتىمىزدە بۇنىڭ ئۇلىنىشى بار. ئەگەر سىز بىزنىڭ تورغا كىرىپ، بىزنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تورىنى چەكسىڭىز، بۇنىڭغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن يىلى چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز....مەن سىز سورىغان سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بەرمەيمەن. بۇلارنى يۇقىرىقى تور بەتلىرىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئوقۇش ياردەم پۇلى پروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى»نى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە دائىر سوئالىمىزغا «بۇ ھەقتىكى مەسىلىنى سىز مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدىن كۆرۈۋالسىڭىز قانداق؟ مەن پەقەت ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل. ئەگەر سىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا سوئاللىرىڭىز بولسا، ئەلچىخانىنىڭ تورىغا كىرىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل ئورۇنلارنى ئىزدىسىڭىز قانداق» دەپ ئەسكەرتتى.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇپ، قولغا ئېلىنغان بەزى ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋالدا مەزكۇر مۇكاپات پۇلىنى قوبۇل قىلىشنىڭ جائىز-جائىز ئەمەسلىكى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ قوزغىغان بىر مەسىلە. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە ياردەم پۇلى ئېلىش-ئالماسلىق مەسىلىسى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە قىلىنغان مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياردەم پۇلى ئېلىشنى «ۋىجدانى» سەۋەبلەردىن توغرا تاپمىغانلار بار. مىسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ئوقۇش ياردەم پۇلى» غا ئىلتىماس قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ مەسلىھەتچىسى خو ۋېنجېي، مىسىردا تەخمىنەن 170 دەك «شىنجاڭلىق» ئوقۇغۇچى بارلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈن ئاران 80 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ «ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ئېلىشقا مۇيەسسەر بولالىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرسە ۋەتەنگە قايتىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ياكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن مەلۇم مۇساپىدىكى ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، «مۇكاپات پۇلى» ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىشى بىكارغا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا سىياسىي سەۋەب بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ پىلانى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىشتۇر، دەپ قارايدۇ. مىسىردا ئوقۇپ يېقىندىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يۇقىرىقى ئوقۇغۇچى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش بىلەن ئۇتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارغا چىقىش يولى بېرىش بىلەن ئېرىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىردا ئوقۇيدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش پروگراممىسى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇرۇنلا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر پروگرامما «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن كۈچەيتىلىپ، سىستېمىلاشتۇرۇلغان ۋە مۇكاپات سوممىسى كۆپەيتىلگەن. بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاجراتقان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى 200 مىڭ يۈەن بولغان بولسا، 2010-يىلى 400 مىڭ يۈەنگە كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر پروگرامما كېڭەيتىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش يولغا قويۇلغان ئىدى.