ئۇيغۇر ئېلىدە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلار ئوقۇشسىز قالماقتا


2005.06.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

سەيشەنبە كۈنى خىتاي شىنلاڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلى ئوبلاستى كۆنەس ناھىيىسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسىغا قاراشلىق ئىككى كەنتتە، 6 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئوقۇشسىز بالىلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقان.

چەت ياقا ئىككى كەنتتە ئوقۇشسىز بالىلار سانى مىڭدىن ئاشقان

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇشسىز بالىلار پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان بۇ ئىككى كەنت كۆنەسنىڭ تاشتۆپە يېزىسىغا قاراشلىق يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن كەنتلەر بولۇپ، 1996 -يىلى بۇ يېزىلار ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان تېخىچە سۇ، توك، قاتناش، ھۆكۈمەت ئورگىنى قاتارلىق ئەسلەھەلىرىنىڭ ھېچ بىرى تولۇقلانمىغان ئىكەن. شۇڭا بۇ كەنتلەردىكى ئامما بۇ ئىككى كەنتنى "ھۆكۈمەتسىز كەنت" دەپ ئاتايدىكەن.

بىز بۇ ئىككى كەنتنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ 114 ئىستانسىسى ئارقىلىق تېلېفون نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئەپسۇس بۇ كەنتلەرنىڭ تېلېفون نومۇرى ھەتتا نامىمۇ تىزىمغا ئېلىنمىغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ كەنتلەردىكى ئاممىنىڭ ھەممىدىن چوڭ غېمى، بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش مەسىلىسى بولماقتا ئىكەن.

ئوقۇشسىز قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب - نوپۇسىزلىق

مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئىككى يېزىدىكى ئوقۇشسىز بالىلارنىڭ سانىنى ئېلىش ئۈچۈن بارغاندا، ئوقۇشسىز قالغان مىڭلىغان ساۋاتسىز بالا، تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىگە ئىسمىنى يازالمىغاچقا بارماق ئىزىنى قالدۇرغان.

كۆنەس ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، بۇ ئىككى كەنتتىكى مىڭلارچە بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا بۇ جايلارنىڭ مائارىپ، مەكتەپ شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن باشقا ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ، ئوقۇشسىز قالغان بۇ بالىلارنىڭ پىلانسىز تۇغۇلغان، نوپۇسسىز بالىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ھازىرغىچە بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، ئۇلارنىڭ بېرىۋاتقان سانى پەقەت نوپۇستىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىدۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئېمىليەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان، نوپۇسقا ئېلىنمىغان بالىلارنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ھوقۇقى بولمايدىكەن. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى نوپۇسسىز بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ يۈزى كۆرەلمىگەن بالىلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىرغا قەدەر ئېنىق سانلىق ئىستاتېستىكا ئېلان قىلىپ باقمىدى.

ئاتا- ئانىلار نوپۇسسىز بالىلىرىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن تەشۋىشلەنمەكتە

يېقىندا، رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر، ئۈچۈنچى بالىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانسىز تۇغۇلغان دەپ قارالغاچقا نوپۇسقا ئېلىنماي، نۇرغۇن ئىشلاردا قولايسىز بولىۋاتقانلىقىنى، بالىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بىلدۈرگەن ئىدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن گېرمانىيىگە قېچىپ كېلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ئانا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئۆزى ھەم بالىسىنىڭ ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا بىرسى نامراتلىق سەۋەب بولىۋاتقان بولسا، بالىلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈپەيلى نوپۇسقا ئېلىنماسلىقىمۇ ئاساسىي سەۋەبنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانسىز پەرزەنت ھىساپلانغان بالىلار نوپۇسقا ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار داۋالىنىش، مائارىپ قوبۇل قىلىش ۋە باشقا ئىمكانىيەتلەردىن بەھرىمان بولالماي ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا.

نوپۇسسىز خىتاي بالىلىرىچۇ؟

ئەجەپلىنەرلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلىرىنى قەتئىي نوپۇسقا ئالمىغان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان پىلانسىز بالىلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان قىلماقتا. بۇنىڭ ئىسپاتى، 2004 - يىلى 7- ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئىشلەپچىقرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكى 1993 - يىلىدىن بۇيان پىلانسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ، مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. 149 - تۇئەندىلا جەمئىي 39 نەپەر خىتاي بالىسىنى ئۇيغۇر رايونىغا نوپۇسقا ئالغان. مەزكۇر خەۋەر ئەينى ۋاقىتتا شىنخۇئا خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى -1988يىلى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاش، نوپۇس جەھەتتە خىتايدەك كۆپ بولمىغان مىللەتلەرگە قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.