ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلار، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ھەم ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىن يۇقىرىلار ئىچىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئايرىلمايدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسى بويىچە، چوقۇم خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ 3-4-5-دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يېتىشى شەرت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ «خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن باھانىدە، دەم ئېلىشقا چىقىش يېشى توشماستىنلا مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتتىن بوشاتقان. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئورنىغا بولسا، «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنى ھېچ بىلمەيدىغان ھەتتا خىتاينىڭ ئورتاق تىلى دەپ ئاتالغان ئۆلچەملىك تىلىدىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان، يەرلىك شېۋىسى كۈچلۈك بولغان خىتايلار «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» نامىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.
خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى دېگەن باھانە بىلەن خىزمىتىدىن توختىتىلغان، ياكى يېشى توشماستىنلا مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا چىقىرىۋېتىلگەن بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى شۇنداقلا رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلغان خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، نۆۋەتتە «خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى» دەپ ئىشتىن توختىتىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلگىرى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن بىر خانىم قوش تىللىق مەكتەپ قۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇر مەكتىپى خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ھازىر مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئۆتكىلى ئاساس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن بوشىتىلغان بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزىگە ئوخشاش خىزمىتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مائارىپتا خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنغان ئەھۋالغا قارىتا خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپىدا تەربىيىلەنگەن خىتاي تىلىغا مۇكەممەل بولغان بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەنسىرىشىنى بايان قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن يىراقلاپ كېتىشىدەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىپ، دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» دەپ ئاتالغان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ، ياش ئەۋلادلارنى ئانا تىل تەربىيىسىدىن ئايرىۋېتىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدەك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا مائارىپ قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا مىللىي مائارىپنى، ئانا تىلنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان، يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان خاتا سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.