ئۇستاز جاپا چەكتىڭىز

10 - سېنتەبىر بۈگۈنكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا توغرا كەلگەن بۇ قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا، ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنى تەربىيىلەش يولىدا مۇشەققەت چېكىۋاتقان، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى بولمىش مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ھەم مائارىپ ساھەسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر سالام يوللايمىز.

0:00 / 0:00

بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىنى دىققەت ‏ - ئېتىبارىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

ئەسسالام ئۇستازلار، سىلەر جاپا چەكتىڭلار. رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان ئىنكاسلار ھەم ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن نۆۋەتتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ خىزمەت بېسىمىدىن باشقا سىياسىي ھەم دىنىي بېسىملار ئىسكەنجىسىدە قوشلاپ جاپالار چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتىشى ھەم بۇ جەرياندا، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش يولىدا قان تەرىنى سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلۇۋاتقان نامۇۋاپىق تەلەپلەر، ۋەزىپىلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزلىرى سۆيگەن دەرس مۇنبىرىدىن، مائارىپ سېپىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

24 نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان بېسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئەنە شۇ ئۆزلىرى سۆيگەن، جاپالىق ھەم پەخىرلىك دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلغان ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇق.