ئېتان گۇتمان: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ جەريانى»

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئۆلچەم» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ئاپتور، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنى سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن «مول ھوسۇل ئالىدىغان» بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋالدى، دەپ تەسۋىرلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.12.16
organ-tijariti-305.png خەنزۇ دوختۇر ۋاڭ ۋېنيى خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى توغرىسىدا ئامېرىكىدا دوكلات بەرمەكتە.
AFP

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆلچەم ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ جەريانى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ئېتان گۇتمان ئىسىملىك مۇخبىر ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ جەريانلىرىغا بىۋاستە قاتناشقان ۋە ياكى ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن تەييارلاپ چىققان. ئاپتور بۇنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى بىلەن كونترول ئاستىغا ئېلىنىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس قاتلىمىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى ھەمدە دىنىي، مىللىي بېسىم ئەھۋاللىرىدىن مەلۇمات بەرگەن.

11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى ئېلان قىلىشى بىلەنلا، خىتاينىڭمۇ تۇيۇقسىزلا تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇۋالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە دىنىي رادىكال، تېررورچى نامى ئاستىدا زەربە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەھبۇسلىرى ئۇچراۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىدىن «مول ھوسۇل» ئالىدىغان بىر بازىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئەينى چاغدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېلىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ياكى ئۆزى بىۋاستە كۆرگەن، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى، دوختۇر، سېستىرا بولغان ۋە ھازىر ياۋرۇپا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى ئەينەن بايان قىلغان. ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئائىلىىسنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئېتان گۇتماننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىلەردىكى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان سىياسىي جىنايەتچىلەردىن ساغلام، ئىچكى ئەزالىرى ئىشلىتىشكە ياراملىق دەپ قارىغانلىرىنى تىزىملىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كۈنى ئوپىراتسىيە قىلىدىغان دوختۇر ئاپتوموبىلى ۋە دوختۇرلارنى جازا مەيدانىنىڭ بىر يېرىگە توختىتىپ قويىدىكەن. ئورگانلىرى ئېلىنىدىغان سىياسىي جىنايەتچىلەر چالا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن دەرھال دوختۇر ئاپتوموبىلىغا يۆتكىلىدىكەن. تەييار بولۇپ تۇرغان دوختۇرلار مەھبۇسقا ھېچقانداق مەس قىلىش دورىسى بەرمەستىنلا ئۇنىڭ قارنىنى يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋالىدىكەن ۋە جاراھەت ئىزىنى ئەينەن تىكىپ قويىدىكەن. شاھىتلارنىڭ بەزىلىرى مۇخبىرغا شۇ چاغدا چالا ئۆلۈك قىلىنغان مەھبۇسنىڭ گەرچە قارشىلىق كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭراشلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.

شاھىتلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ سىياسىي مەھبۇسلارنى ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ئورگانلىرى قېتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ئوكۇل ئۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كېيىن ئۇلارنى جازا مەيدانىغا ئاپىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئورگاننى يۆتكىگىچە قېتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئاپتور، چالا ئۆلۈك قىلىنغان بەدەندىن ئېلىنغان ئورگاننى يېڭى بەدەنگە كۆچۈرۈپ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇربانلىرىنى چالا ئۆلۈك ھالدا ئوپىراتسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاپتور بۇ ماقالىدە، 1995 - يىلى غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئەينى چاغدا غۇلجىدا ساقچى ۋە سېستىرا بولۇپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، غۇلجا ۋەقەسى مەزگىلىدە غۇلجىدىكى بارلىق ساقچىلارغا قورال تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ساقچىلارغا «قورالىڭدىن چاتاق چىقىپتۇ، ياسىلىۋاتىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن قورال بېرىلمەي، ئۇلار گۇندىپايلىققا سېلىنغان. ئۇلار ئالاھەزەل 400 دەك ئۇيغۇرنىڭ قىش كۈنى سوغاقتا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن.

ۋەقە مەزگىلىدە غۇلجىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا سېستىرا بولغان بىر ئايالنىڭ مۇخبىرغا ئېيىتپ بېرىشىچە، شۇ مەزگىلدە ھەرقانداق دوختۇرنىڭ ئۇيغۇر يارىدارلارنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن. يارىدارلارنى داۋالىغان دوختۇرنىڭ بىرى 15 يىللىق يەنە بىرى 20 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالانغان. دوختۇرخانا دائىرىلىرى «ئەگەر كىمكى يەنە ئۇيغۇرلارنى داۋالايدىكەن، سىلەرمۇ ئوخشاش جازاغا ئۇچرايسىلەر» دېگەن. شۇڭا ھېچكىم يارىدار بولغان ئۇيغۇرلارنى داۋالاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇ مەزگىلدە دوختۇرخانىدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي دوختۇر، سېستىرا ۋە دورىگەرلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ يىرىكلىشىپ كەتكەن. خىتاي دوختۇرلار دورىخانىنىڭ ئاچقۇچىنى تىقىۋالىدىغان بولغان. ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئۇيغۇر ئايال كەلسە، تۇغۇت دوختۇرىنىڭ بالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، پېنسىلىن دەپ بالىغا ئۇكۇل ئۇرىدىكەن. ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا بالا كۆكىرىپ ئۆلۈپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن خىتاي دوختۇرلار بوۋاقنىڭ ئاتا - ئانىسىنى «بالاڭلار بەك ئاجىزكەن، دورىنى كۆتۈرەلمەپتۇ» دەپلا يولغا سېلىپ قويىدىكەن. بۇ سېستىرا خىتاي دوختۇرلارنىڭ بىرمۇ خىتاي بالىسىغا مۇنداق ئوكۇل ئۇرغانلىقىنى كۆرمىگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چوڭ باشلىقلىرىغا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى كۆچۈرۈلگەنلىكىدەك ئەھۋالدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭغا ئەھۋالنى بايان قىلىپ بەرگەن مۇرات ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر دوختۇر ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر چوڭ دوختۇرخانىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. ئاپتور مۇنداق دەپ بايان قىلغان:

- مۇراتنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئىچكى ئەزا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئەزاسى ئالماشتۇرۇشى كېرەك بولغان 5 چوڭ باشلىق ياتقان. چوڭ دوختۇرلارنىڭ بىرى بىر كۈنى مۇراتقا ئۈرۈمچىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈرمىگە بېرىپ قان ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىغان. مۇرات تۈرمىگە بارغاندا 20 ياشلار ئەتراپىدىكى 15 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى كۆرگەن. مۇرات يىڭنىسىنى چىقارغاندا ئۇلار مۇراتقا «سەنمۇ ئۇيغۇر تۇرۇپ نىمىشقا بىزگە بۇنداق قىلىسەن؟» دېگەن. ئەمما مۇرات ئەينى چاغدا ئەھۋالدىن خەۋەرسىز «مەن پەقەت قان ئالغىلى كەلدىم. بۇ سىلەرنىڭ سالامەتلىكىڭلار ئۈچۈن» دېگەن ۋە ئۇلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ قايتىپ كەتكەن. مۇرات قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دوختۇردىن «ئۇلار ھەممىسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارمۇ ؟"» دەپ سورىغان. دوختۇر ئۇنىڭغا «شۇنداق مۇرات، سەن كۆپ سوئال سورىما. ئۇلار ئەسكى ئادەملەر، ئۇلار دېگەن دۆلىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى» دېگەن. ئەمما مۇرات دوختۇردىن بۇ قاننى نېمە قىلىدىغانلىقىنى سوراۋەرگەن ۋە ئۇ ئاخىرى ئەسلىدە دوختۇرلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان قان تىپلىق مەھبۇسلارنى تاپسا، ئۇنى ئاپىرىپ كۆكرىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئوق ئېتىلىپ چالا ئۆلۈك قىلىنغاندىن كېيىن، ئورگانلىرىنىڭ سۇغۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى، ئاندىن بۇ ئورگانلار پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭ كېسەل كارىۋىتىدىن سالامەت قوپۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، دوختۇر مۇراتقا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىشنىڭ نورمال ئەھۋاللىقىنى، ھەربىي رايون دوختۇرخانىلىرىنىڭ بۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە 1999 - يىللاردىن كېيىن خەلقئارادىن كەلگەن بېسىملار نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىش ئەھۋالىغا بەزى چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەرلەرنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، تۈرمىگە ئېلىنغان ياشلارنىڭ بەزىلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتۇلغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى پەقەت ئورگان تىجارىتى بازىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان تەجرىبە مەيدانى قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بەرگەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاياقلاشتۇرىدۇ :

13 مىليون ئۇيغۇرنىڭ سانى ئاز، ئۇلار ھەم ئۈمىدسىز. ئۇلار كۈرەش قىلىشى مۇمكىن. ئۇرۇش بىر كۈن كەپ قېلىشى مۇمكىن. شۇ كۈن كەلگەندە ئىككى تەرەپنى سۆھبەتكە چاقىرىدىغان ھەممە دۆلەت ئۆز تارىخىغا قاراپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر مەندىن سورىسىڭىز، مەن بىر يەھۇدى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دىيەلەيمەنكى، ئۆلۈك بەلكىم ئۆچىنى ئالالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ھېچقانداق بىر كىشى مەڭگۈ بېسىم ئاستىدا ياشاشنى داۋام قىلالمايدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.