[ ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان ئۆركەش دۆلەتOpens in new window ]
، ئەينى يىللىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىيىگە چاقىرغان "4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى"دىكى ئوقۇغۇچىلار داھىلىرىدىن بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن كېچىدە، بۇ ھەرىكەتنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق 21 ئوقۇغۇچىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
"يېڭى ئېرا گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆركەش دۆلەت بۈگۈن يەنى 4 - ئىيۇن كۈنى، ياپونىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا كىرىپ، "ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى" ئارقىلىق، خىتايغا قايتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىئالوگقا چاقىرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان. ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرىش تەلىپى جاۋابسىز قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئەلچىخانا ئالدىدىكى رېشاتكىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا كىرمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ھازىر توكيو ئازابۇ ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتماقتا ئىكەن.
21 يېشىدىن باشلاپ چەت ئەللەردە سەرسانلىق ھاياتىنى كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا كىرىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ۋەقە ئەمەس. ئۆركەشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىر ياشاۋاتقان تەيۋەندە خىتاي ئەلچىخانىسى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇ، بۇلتۇر خىتاينىڭ ئاۋمىندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ، خىتايغا قايتىش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن.
"4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى"نىڭ بۇ داھىيسى، نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل "4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى"نىڭ 21 - يىللىق خاتىرە كۈنىدە، "ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى" ئارقىلىق خىتايغا قايتىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن يۈزمۇ -يۈز دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۆركەش دۆلەت سۆزىدە، "دىئالوگ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەش، دېموكراتىيىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك قىممىتى. مەن بۈگۈن، بۇندىن 21 يىل ئىلگىرى، بىز ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىمىزغا ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ خىل تىنچلىق يوسۇنىدا دىئالوگ ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم. شۇڭا ھەتتا "ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى" ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇنازىرىلىشىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، مېنىڭ پرىنسىپىم" دېگەن.
ئۆركەش دۆلەت خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى رېشاتكا سىرتىدا تۇرۇپ، مۇخبىرلارغا رېشاتكىنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېگەن: "ساقچىلار ماڭا، رېشاتكىنىڭ ئىچى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئەلچىخانا باشقۇرۇشىدىكى رايون، سىرتىنىڭ بولسا ياپونىيىگە تەۋە زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن رېشاتكىنىڭ بۇ تەرىپىدە تۇرۇپتىمەن، مانا مۇشۇ ئاددىي بىر توسۇق مېنى ۋەتىنىمدىن ئايرىپ تۇرماقتا. ۋەتەنگە قايتىش ھەر بىر پۇقرانىڭ ھەققانىي تەلىپى. ۋەتەندىن 21 يىل ئايرىلغان بىرەيلەن 'ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى' ئارقىلىق، ۋەتەنگە قايتىش تەلىپىنى قويۇپ تۇرماقتا، لېكىن بۇ رېشاتكا مېنى توسۇپ تۇرۇپتۇ! چۈنكى مەن ئەينى يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 1 - نومۇرلۇق شەخس. مەن ۋەتەنگە قايتىش ئىرادەمدىن ھەرگىز قايتمايمەن. مانا مەن ھازىر ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىپ ئالدىڭلارغا كەلدىم، قېنى سىلەر مېنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالامسىلەر؟!"
ئۆركەش مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ 21 يىلدىن بۇيان ئاتا - ئانىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىمغىچە "ئۆزىنى مەلۇم قىلىش" تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆركەش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، رېشاتكىنى ئاتلاپ، خىتاي ئەلچىخانا رايونىغا كىرگەن. نەتىجىدە ئۆركەش ئۇ ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، توكيو ئازابۇ ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
"4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى"نىڭ يەنە بىر يېتەكچىسى ۋاڭ دەن، ئامېرىكا ۋاقتى 3 - ئىيۇن كۈنى كەچتە "4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى"نى توردا خاتىرىلەش چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلغان. تۈنۈگۈن ۋاڭ دەن، فاڭ جىڭ قاتارلىق "4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى"نىڭ يېتەكچىلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ، قىزىق لىنىيىلىك سۆھبەت پروگراممىسىدا، خىتايدىكى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەينى يىلىدىكى "4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى"نىڭ پارتلاش سەۋەبى، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ بوغۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سۆھبەت جەريانىدا ۋاڭ دەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ"4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" يېتەكچىلىرى ۋە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتالماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگىنىدە، مۇنداق دېگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىزگە ئوخشاش خىتايدا دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش تەلىپىمىزنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي كونسۇلخانىسى بىزگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ پاسپورتىمىزنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن، بىز ۋەتەنگە قايتىپ، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىزنى كۆرۈپ كېلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قالدۇق. مېنىڭچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ."
4 - ئىيۇن خىتايدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. "تيەنئەنمېن ۋەقەسى"دە ئوغلىدىن ئايرىلغان ئانىلارنىڭ ۋەكىلى بولغان دىڭ زىلىن، بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 3 - ئىيۇن كەچتە ئوغلى ئەينى يىللىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن جايدا ئوغلى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرمەكچى بولغىنىدا، دائىرىلەر كۆپلىگەن ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئورىۋالغان كىشىلەرنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن يەنى 4 - ئىيۇن، پەقەت بېيجىڭدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.
ئۈرۈمچىدىكى چاڭ ئەپەندىنىڭ بۈگۈن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، 3 - ئىيۇندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە كەيپىيات جىددىيلىشىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئادەم كۆپ بارىدىغان تاللا بازىرى، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئۈرۈمچىدىكى مەسچىت ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ، ھەر 10 مىنۇتتا بىر قېتىمدىن چارلاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بۈگۈن جۈمە نامىزى بولۇشىغا قارىماي جۈمەگە كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى ئاز ئىكەن.
يەنئەن كوچىسىدىكى مەسچىت ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق پىڭ خانىمنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، 5 - ئىيۇلدىن بۇيان مەسچىت ئىچىدىن ئاڭلىنىدىغان قۇرئان ئاۋازى ۋە ئەزان ئاۋازىمۇ ئاڭلانماس بولۇپ قالغان. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلار دائىم مەسچىت ئەتراپىدا كۆرىدىغان توپلىشىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى ھازىر كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن 4 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە كوچىلارنى چارلاپ يۈرۈدىغان ساقچىلارنىڭ بۇ قەدەر كۆپەيتىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇلتۇر يازدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن.
نۆۋەتتە "4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر دەپ قارالماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، بۇندىن كېيىن خىتايدا بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بولسا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ چوقۇم بۇ ۋەقەلەرگە قايتىدىن باھا بېرىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.