يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى) خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى


2005.01.12

orkishi.jpg
يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى)

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سېپىدىكى ياش چولپانلارنىڭ بىرى، قەشقەرلىق يازغۇچى ۋە شائىر نۇرمۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى)، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى قەشقەردە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

يەنە بىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى

مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆتكەن يىلى 11 - ئايلاردا قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، يازغۇچىنىڭ "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان "كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى نۇرمۇھەممەد ياسىننى ئىدىئولوگىيە جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك پىكىرىنى تەرغىپ قىلىش "جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامما قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلار، نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرلەپ توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ "كۆك كەپتەر" ناملىق نەسىرى قەشقەر ئەدىبىياتىنىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەردىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر "قەشقەر ئەدىبىياتى " ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان شۇنداقلا "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004- يىللىق 5 - سانىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

مول ھوسۇللۇق قەلەمكەش

نۇرمۇھەممەد ياسىن، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىدىكى مول- ھوسۇللۇق ياش چولپانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. يازغۇچىنىڭ "يۈرەك يىغلايدۇ" ، " بالىلىقنى سېغىنىش" قاتارلىق ئەسەرلىرى 12 - ۋە 13 - نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئايالى قەشقەردىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان نۇرمۇھەممەد ياسىن مۇستەقىل قەلەمكەش بولۇپ، تۇرمۇشىنى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىن ئالغان قەلەم ھەققىگە تايىنىپ قامدايتتى. ئۇ، قەدىمىي دولان دىيارى مارالبېشىنىڭ ئاۋات بازىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە 1974 - يىلى دۇنيا كەلگەن.

نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ھاياتى قانداق بىخ تارتقانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: "گۈزەل رىۋايەتلەر سىرلىق ئەپسانىلەر بىلەن تولغان بۇ قەدىمىي دولان دىيارى ۋە ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسۇل، مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە بۇ خەلق، مېنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىم بولدى. مەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ رەڭدار تىل رېتىملىرى ئارىسىدا ئۆسۈپ، يېتىلىپ ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان ئەدەبىيات دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىغا ئاشۇلار ئارقىلىق ئىگە بولدۇم."

نۇرمۇھەممەد ياسىن، تارىخشۇناس توختى مۇزارت ۋە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتلەردىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئەدىپلەرنىڭ بىرى.

يېڭى قالپاق - "ئىدېئولوگىيە بۆلگۈنچىلىكى"

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونىيىدە ئوقۇغان تارىخشۇناس دوكتور توختى مۇزارتنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلىدى، دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىپلەپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 2000 - يىلى مەرھۇم مۇزىكانت نۇرمۇھەممەد تۇرسۇننىڭ سەنئەت كېچىلىكىدە شېئىر ئوقۇغان تۇرسۇنجان ئەمەتنى قولغا ئېلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدىئولوگىيە سېپىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىن بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىدېئولوگىيە سېپىدە بۆلگۈنچىلىك پىكىرىنى تەرغىپ قىلىش "جىنايىتى" بىلەن قولغا ئېلىنغان.

مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرى

نۇرمۇھەممەت ياسىن ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى قانداق تولدۇرغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن:

"مەن خەلقىمنىڭ تىلى ۋە ئاۋازىدا سۆزلەنگەن ھەر قانداق ئەسەرنى ئىزدەپ، تېپىپ بىلىم ئېلىش نىسىپ بولمىغان ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە تولۇقلاپ كەلدىم ۋە شۇ ئاساستا بىلىپ- بىلمەي بىر قەلەم ئەھلى بولۇپ قالدىم."

نۇرمۇھەممەت ياسىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سېپىدىكى مول ھوسۇللۇق ياش يازغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر "ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟"، "تۇنجى مۇھاببەت"، " يۈرەك يىغلايدۇ" قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان شۇنداقلا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بىر قانچە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. "يۈرەك يىغلايدۇ" قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەسىرى تولۇقسىز ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە قويۇلغان ئىدى. يازغۇچىنىڭ ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەسىرى 30 پارچىدىن ئاشىدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق تەنقىتىگە ئۇچرىماقتا.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتىن، پىكىر قىلىش ۋە ئويلاش ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرى تۈركەل يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىققا قارشى قوغداش قانۇنى چىقىرىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرمۇھەممەت ياسىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تور پونكىتلاردىكى " كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى ئېلىۋېتىلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قەشقەر بويىچە نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى زەھىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.