بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ياپونىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە، موڭغۇلىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 130 ئەتراپىدا بىلىم ئادىمى قاتناشتى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى.
ماقالىلەرنىڭ كۆپى ۋېنگىرىيىلىك تۈركولوگ تومسېن ئورخۇن يېنىسەي ئابىدىسىنى تېپىپ ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى 120 يىل جەريانىدا ئورخۇن يېزىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھەققىدە يېزىلغان. بۇلاردىن باشقا تۈركىي تىللارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ماقالىلەر ئوقۇلدى.
"ئورخۇن يېزىقى تېپىلغاندىن 120 يىل كېيىنكى تۈركولوگىيە ۋە 21 - ئەسىر" ماۋزۇلۇق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تىكا ۋە تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىمۇ قاتنىشىپ تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى موللانىياز تۇنىياز ئەپەندى "ئورخۇن ئابىدىسىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى" تېمىسىدا، ئەركىن ئارىز ئەپەندى بولسا "ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىلىرى ۋە خىتايدا ئورخۇن ئابىدىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار" تېمىسىدا، دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندى بولسا "ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرىغان خىتايلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ۋە خىتايشۇناسلىقنىڭ ئەھمىيىتى" تېمىسىدا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا "كۆكتۈرك يېزىقىدىكى ئۆرپ ۋە ئادەتلەر" تېمىسىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم "گېنېرال چاچا ۋە كۆكتۈركلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش" تېمىسىدا يازغان ماقالىسىنى ئوقۇدى.
بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئارىز ئەپەندى خىتايدىكى ئورخۇن ئابىدىسى تەتقىقاتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا تۇنجى بولۇپ 1910 - يىلىدا ئورخۇن ئابىدىلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈنگىچە خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئورخۇن ئابىدىلىرى ھەققىدە 133 پارچە ئىلمىي ماقالە، 13 كىتاب نەشر قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، 1976 - يىلىدا بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا تۈركولوگىيە سىنىپى ئېچىلغانلىقىنى، داڭلىق خىتاي تۈركولوگ گېڭ شىمىننىڭ بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىنى ئالاھىدە تەربىيىلەپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن ئارىز ماقالىسىدە 100 يىلدىن بېرى ئورخۇن ئابىدىلىرى ھەققىدە خىتايدا نەشر قىلىنغان ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە تۈركچە قىلىپ يازغان.
تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان "ئورخۇن يېزىقى تېپىلغاندىن 120 يىل كېيىنكى تۈركولوگىيە ۋە 21 - ئەسىر" تېمىسىدىكى يىغىن ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى ئۇيغۇر زىيالىيلارغا ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.