ئوساكادىكى ئۇيغۇرلار: قۇندۇزنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش، د ئۇ ق غا قارشى تۇرۇش

ياپونىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر ياپونىيىنىڭ كيوتو، ئوساكا، كوبې قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى ئۈچ يۈزدىن ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

يەنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ياپونىيە پۇقراسى، بەزىلىرى تېخى ئوقۇش، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردۇر.

ئوساكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ 2010-يىلى ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا كېلىشى بىلەن، خىتاي كونسۇلخانىسىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى كونسۇلخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا يىغىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان،يەنى كونسۇلخانىغا يېقىن تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن كونسۇلخانىغا يېقىنلاشمايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش ھاسىل بولغان، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوساكادىكى بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: قۇندۇز يۈسۈپنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى تۇرۇش دېدى.

بۇ قاراشلارغا نىسبەتەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، خىتاينىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش مەقسىتىنىڭ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى تۇرۇشتا، يالغۇز ياپونىيىدىكى خىتاي كونسۇلى ۋە قۇندۇز يۈسۈپكە ئوخشاش كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.