ۋاشىنگتون بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نازۇك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى

ئوساما بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئامېرىكا، پاكىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

رويترس يازغۇچىسى ئاندرۇ كۇيننىڭ بۈگۈن ۋاشىنگتوندىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى ئوساما بىن لادېننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ۋاشىنگتون بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نازۇك ئۆزگىرىشلەر ئاللىقاچان پەيدا بولدى. بۇنداق ئۆزگىرىش جەريانىدا، ھىندىستان ئورنىدىن دەس تۇرماقتا.

ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە پاكىستان بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئەل-قائىدىچىلەرگە قارشى تۇرىدىغان تالىبان ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئوساما بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى پاكىستان -ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئىنتايىن نازۇكلىشىپ قالدى. ئامېرىكا ھازىر ھەربىي ياردەم يۆنىلىشىنى ئافغانىستاندىن يۆتكەپ، يېڭى دېھلىغا قاراتتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ، ئاقسارايمۇ ھازىر كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن پاكىستانغا، ھۆكۈمەتتىكى ۋە ھەربىي قىسىملاردىكى ئوساما بىن لادېن بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلىدىغان ئادەملىرىنى دەرھال ئاشكارىلاشنى تاپشۇردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا، 1947‏-يىلىدىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئاخىر يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇپ ئۆز-ئارا تىركىشىشكە باشلىغاندىن كېيىن، 2008‏-يىلى پاكىستاندا ھەربىي تەلىم كۆرگەن تېررورچى گۇرۇپپىلار مۇمبايغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرىۋەتتى.

سابىق پرېزىدېنت بىلل كىلىنتون دەۋرىدىكى خەلقئارا ستېراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھازىرقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى ياردەمچىسى كارل ئىندېرفۇرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئوساما بىن لادېن پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن، ھازىر ھىندىستانغا، ئامېرىكا بىلەن ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە باشقا ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ئۈچۈن دەس ئورنىدىن تۇرىدىغان پۇرسەت چىقتى. بۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەر يىللىق تىجارەت مىقدارى 5 مىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئىھتىمالى بار.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن يەنە، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى پاكىستاننىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتىدىن جاكارلاپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى ئىسلامئابادقا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئوساما بىن لادېننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى مەسىلىسىدە، ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، پاكىستاننىڭ تېررىتورىيىسىگە رۇخسەتسىز كىرمەسلىكى كېرەك ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىگە رۇخسەتسىز كىرىۋېرىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك، دېدى.

«ئەركىنلىك» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئوسما بىن لادېننى پاكىستاننىڭ ھەربىي ئاكادېمىيىسىدىكى ئۆيىدە ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، 5 دانە كومپيۇتېر، توچكىمۇ-توچكا ئايرىم ئالاقە باغلايدىغان ئالىي تېخنىكىلىق چاتما، 100 دىن ئارتۇق د ۋ د ۋە ھۆججەت ساقلىغۇچ قاتارلىق مۈلكىنى ئولجا ئالغان. بۇ ئولجىلار ئاشكارىلىغان يىپ-ئۇچى ئارقىلىق، ئەل-قائىدىنىڭ سىرلىرى ئەمدى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئاشكارا نەرسىگە ئايلاندى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن، ئوساما بىن لادېننىڭ ئالاقە تورىنى كەڭ كۆلەمدە پاچاقلايدۇ ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى گۇماسشتىلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇتىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئوسام بىن لادېننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، بېجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى، ئۇيغۇرلار ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوساما بىن لادېنغا چېتىۋالىدىغان چوڭ تۆھمىتىدىن قۇتۇلدى، دېدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەتتا دۆلەتنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقىنىنى ئاز دەپ، يىللاردىن بۇيان يەنە ئۇيغۇرلارنى ئوساما بىن لادېنغا چېتىۋېلىپ، سىياسىي جەھەتتىن تېررورچى دەپ تۆھمەت چاپلاپ قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوساما بىن لادېننىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىدى. 5‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى، خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى غۇلجا ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىنىڭ ئوساما بىن لادېن بىلەن ياكى ئەل-قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ خاتا سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2005 ‏- يىلى ئامېرىكا ھەربىي سوتىمۇ، ئافغانىستاندىن تۇتۇپ كېلىپ گۇەنتانامو لاگېرىغا قاماپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى «ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ جاكارلاپ بولدى.