ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما بۈگۈن ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەل-قائىدىچىلەرنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادېننى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىدە پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن جاي، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان قەبىلىلەر رايونىدىكى ئاببوتئاباد. بۇ جايدا پاكىستان ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي تەلىم لاگېرى بار.
ئوساما بىن لادېن دەل مۇشۇ ھەربىي تەلىم لاگېرىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئالاھىدە سېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان. بۇنىڭدىن 10 يىللار بۇرۇن بىنا قىلىنغان 2400 كۋادرات مېتىرلىق بۇ ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ئەتراپىدا ئېگىز تام ۋە سىم توسۇق بار، ئەمما بۇ بىنادا ھېچقانداق تېلېفون ياكى ئىنتېرنېت ئالاقە تورى يوق.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ مۇشۇ ھەربىي تەلىم لاگېرىدىكى كىشىلەر، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى تىك ئۇچارلار بىلەن بۇ قورۇنىڭ ئىچىگە چۈشكەندە يۈز بەرگەن 45 مىنۇتلۇق ئېتىشىشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى سىرتتىن كۆرگەن.
ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي، ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن «تېررورچىلار ئافغانىستاندىن چىقمىدى» دەپ جاكارلىغىنىمىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى، شۇنداقلا، تالىبانلارنى بۇنىڭدىن كېيىن قولىدىكى قورالنى تاشلاشقا چاقىردى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى ئامېرىكىنىڭ بىن لادېننى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى مەدھىيىلىدى. ئوساما بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، «پۈتۈن يەر شارىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرۈشىدىكى بىر مۇھىم ۋەقە» دېدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون، ئوساما بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى «تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى بىر چوڭ ئىلگىرىلەش، ئەمما بۇنىڭ بىلەن تېررورچىلارنىڭ تەھدىتى ئاياغلىشىدۇ دېگىلى بولمايدۇ» ، دېدى.
رۇسىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، «بۇ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم يول بەلگىسى» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تىك ئۇچارلار بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى، ئوساما بىن لادېننى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېقىن بىر جايدا ئۇشتۇمتۇت قوزغىغان ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرى، قانداق قىلىپ ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندا يوشۇرۇنۇپ تۇرغانلىقىنى ھەققىدە، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئوساما بىن لادېنىڭ پاكىستانغا يوشۇرۇنغانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر مەسىلە تۈپەيلىدىن، ئەمدى ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۇبەيدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئەرەب تىلىدا قوزغالغان مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئوسما بىن لادېن ئۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسلامچىلار بۇنىڭدىن كېيىن يەنە جىھاد قىلىشنى توختاتمايدىكەن.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «ئامېرىكا گەرچە داغدۇغىلىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئەل-قائىدىچىلەرنى تارقىتىۋەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالمىدى، بەلكى تېررورچىلىق ھازىر تېخىمۇ زورايدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ»، دەپ بايان قىلدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى ساۋ چاڭچىڭ «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىدە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار پروگراممىسى رىياسەتچىسى جاڭ شىن بۈگۈن، ئوساما بىن لادېن مىلياردلىغان پۇلنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ جىم ياتماي، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ئۆلۈشكە رازى بولغان ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، دەپ ماختىغان.
ساۋ چاڭچىڭنىڭ يېزىشىچە، بۇ، ئوساما بىن لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، ئەمدى پۈتۈن يەر شارىدا تېررورچىلارنىڭ بازىرى كاساتلاشقانلىقتىن، ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەيدىغانلىقىدىن، بۇرۇن بىن لادېنغا كەلگەن بېسىم ئەمدى، جەمئىيەتتىكى قارا گۇرۇھلاردىن پايدىلىنىپ خەلققە تېررورچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
0:00 / 0:00