ئوش ۋەقەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ئوشقا ئەسكەر كىرگۈزمىدى؟

6 - ئاينىڭ 11 - كۇنىدىن 14 - كۇنلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىرغىزىستان جەنۇبىدىكى، يەنى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىغان ئوشتا ھەمدە جالالئابادتا يۈز بەرگەن ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇش نەتىجىسىدە 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبېكنىڭ قوشنا ئۆزبېكىستانغا قېچىپ ئۆتۈپ پاناھلىنىشى، ئومۇمى 400 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ مۇساپىرلىق يولىغا مېڭىشىدەك ئېغىر ۋەقە كېلىپ چىققان ئىدى. رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ توقۇنۇش جەريانىدا ئاساسلىق ئۆزبېكلەرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، گەرچە ھۆكۈمەت 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلسىمۇ، بىراق ئۆلگەنلەرنىڭ ئەمەلىي سانىنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، ئۆزبېك مەھەللىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى قاتارلىقلارنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تاكى ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنا جۇمھۇرىيەتتىكى ئۆزبېك ئاھالىسى مۇنداق پاجىئەگە يولۇققاندا جىددىي ھەربىي ۋە ياكى قاتتىق تەدبىر قوللانمىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ داۋاملاشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.07.21
Qighizistan-Osh-Qirghiz-Uzbek-toqunushi-305 ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ - ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻗﯧﺮﻯ - ﭼﯚﺭﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.guardian.co.uk ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

پەرغانە ئۇچۇر تورى، ئوتتۇرا ئاسىيا تورى ۋە باشقا ئىنتېرنېت مەتبۇئاتلىرىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بەزى ئانالىزچىلار پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆزبېكىستان چېگرىسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۆزبېك ئاھالىسى ئېغىر پاجىئەلەرگە يولۇقۇپ، يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆز چېگرىسى ئىچىگە قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئوش رايونىغا نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيە قوللانماسلىقى ۋە ياكى ئەسكەر ئىشلەتمىگەنلىكىگە، رۇسىيە ئامىلىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەھلىل قىلسا، يەنە بەزىلەر ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ قېتىمقى ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ تۈرلۈك ئانالىزلار ھەم ئىنكاسلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر تېما ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت مەتبۇئاتلار ۋە تور بەتلىرىدە يەنىلا قىزىق نۇقتا بولماقتا. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، كىشىلەر قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى يۆنىلىشكە يۈزلىنىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئېنىق قاراشقا ئىگە ئەمەس.

ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق چارە قوللانمىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئەلۋەتتە ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بىر قىسىم ئۆزبېك ئىنكاسچىلىرى كەرىموفنى بۇ مەسىلىدە ئەيىبلەش پوزىتسىيىسىدە بولماقتا. ئەمما، ئۆزبېك سىياسىيونلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلىرى مەۋجۇت بولۇپ، جاھانگىر مەمەتوف ئەپەندى كەرىموفنىڭ بۇ مەيدانىنى " توغرا ھەرىكەت" دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە كەرىموف ئەسكەر كىرگۈزگەن بولسا، پەرغانە ۋادىسىدا ئۇرۇش پارتلايتتى. ئۆزبېكىستان ئېغىر پاتقاققا پاتاتتى.

جاھانگىر مەمەتوفنىڭ قارىشىچە، مەركىزىي ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار ۋە باشقىلار ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقى ھەم بىرلىكى ئەمەلگە ئاشقاندىلا، ئۇلار قۇدرەتلىك بولىدۇ شۇنىڭدەك تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ئوش ۋەقەسى قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەر ئۈچۈن چوڭ ساۋاق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك دەرسلىك.

بۈگۈنكى مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى كۆپ مىللەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 80 دىن ئارتۇق مىللەت بارلىقى ئېيتىلماقتا. ئوش رايونىمۇ كۆپ مىللەتلىك جاي بولۇپ، بۇ يەردە قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاتار، رۇس، تاجىك ھەم باشقا خەلقلەرنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم. مىللىي ئامىللار ئىزچىل تۈردە مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىدا مۇھىم ئامىل بولۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.