مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، تۈرك دۇنياسى قانداش خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، تۈركىيە پارتىيىسى ۋە تۈركىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم، شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا ئىستانبۇل - زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى خىزىربەك غەيرەتۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا، مانىسا ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى "ئوسمان باتۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى " دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مۇزەپپەر ئۆرەكلى ئەپەندى "ئوسمان باتۇرنىڭ مىراسى نېمە ۋە ئۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئوسمان باتۇرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئالتاي خەلقىنى كۈرەشكە چاقىرىپ يازغان بىر پارچە مەكتۇپىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: "مەن، خىتاي تەشكىلاتى مېنى تۇتۇۋالمىسۇن ۋە ياكى چارۋىچىلارنى خارلىمىسۇن دەپلا ئۇرۇشمايۋاتىمەن، 11 يىلدىن بېرى خىتاي پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى ۋە ئالتە چوڭ سىياسەتنى بۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. قازاقلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ، ئەمما 10 نەچچە يىلدىن بېرى قازاقلار بۇنىڭغا قارشى چىقمىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق، سۆزلىگەنلىرى بىلەن ئەمەلىيىلەشتۈرگەنلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتى بىلەن قارشىلىشىۋاتىمىز، خىتاي تەشكىلاتى ئەۋەتكەن ئاتالمىش ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قازاقلارنى تۇتقۇن قىلدى. قازاقلاردىن بىر ئارمىيە قۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى قوراللارنى تارتىۋالدى. دىننى قوغداشنىڭ ئورنىغا مەسچىتلەرنى يىقىتتى، چارۋا ماللارنى تارتىۋالدى. باجنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئورنىغا كۆپەيتتى، تىجارەت قىلىش چەكلىنىپ، قازاق خەلقى كەمبەغەل ھالغا چۈشۈپ قالدى. بىز چارۋا مال ئەمەس، بىز ئىنسان، بىز پۈتكۈل مىللەتلەرگە ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز !"
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى يەنە ئوسمان باتۇرنىڭ مەكتۇپىنىڭ داۋامىنى مۇنداق ئوقۇدى: "خىتاي تەشكىلاتى خەلققە زۇلۇم قىلىۋاتقان تۇرسا بىز قازاق خەلقى نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدىكەنمىز؟!"
مۇراسىمدا يەنە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇزەپپەر ئۆرەكلى ئەپەندى "ئوسمان باتۇرنىڭ مىراسى نېمە ۋە قانداق چۈشىنىش كېرەك؟" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئوسمان باتۇرنىڭ مىراسى دېگىنىمىزدە، ئۇ نەچچە توننا مىقداردىكى ئالتۇن قالدۇرۇپ كەتمىدى، پۇل ياكى باشقا نەرسە قالدۇرۇپ كەتمىدى، ئەمما ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسى، بىزگە ۋەتەننى قوغداش يولىنى كۆرسەتتى، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسەتتى، ئەڭ ناچار شارائىتلاردىمۇ قانداق كۈرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرسەتتى. زامان، ماكان ۋە شارائىت قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ كۈرەش قىلىش يولىدا جېنىنى بەردى ئەمما ھېچ قاچان دۈشمەنگە باش ئەگمىدى ۋە غۇرۇرىنى بەرمىدى.
بۇ مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان ئەپەندى يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىدە ھەر يىلى ئۆرپ - ئادىتىمىز بويىچە، مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بۈگۈن ئوسمان باتۇرنى ياد ئېتىش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا قەھرىمانلىرىمىزنىمۇ خاتىرىلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلىپ، بۇ خىلدىكى يىغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرنى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. يىغىنغا قاتناشقان ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرى ئارىسىدىن چىققان قەھرىمانلىرىنى ئەسلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.