مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، پاكىستان قازاقلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇستافا ئاقتاش ئەپەندى، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى قاتارلىق شەخىسلەر بولۇپ جەمئى 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا گەبزە ئالىي تېخنىكۇم ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر سالىھ ئاينۇرەل ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئاندىن ئوسمان باتۇر قاتارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىدى.
مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇرشۇناس، پروفېسسور دوكتۇر گۈلچېن چاندارلىئوغلۇخانىم، " نۇرگۇجاي باھادىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوسمان باتۇر ھەققىدە ئەسلىمىسى" دېگەن تېمىدا، چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچات دوكتۇر مەريەم ھاكىم خانىم "ئالتاي رايونلىرىدىكى قازاق مۇجادىلىسى" تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوچات دوكتۇر فەتھى ئەھمەت يۈكسەل ئەپەندى، "ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى" دېگەن تېمىدا ، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى ئالىم جېففېرسۇن روبېرتىس ئەپەندى، "تۈركىيە، خىتاي ۋە قازاقىستاندا ئوسمان باتۇرنىڭ مىراسلىرى" دېگەن تېمىدا، ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئۆركەن نەبىيۇلۇ ئەپەندى، "چوڭ دادام ئوسمان باتۇر ھەققىدە" دېگەن تېمىدا ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى ئۆمەر قول ئەپەندى، "تۈركىيىدە ئوسمان باتۇر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
مۇراسىم تۈركىيە ۋاقتى سائەت 14:00 تىن 17:00 گىچە 3 سائەت داۋام قىلدى.
چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچات دوكتۇر مەريەم ھاكىم خانىم، "ئالتاي رايونلىرىدىكى قازاق مۇجادىلىسى" تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوسمان باتۇر 1989 - يىلى ئالتايدا توغۇلغان، پۈتۈن ھاياتى بويىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلغان. 1950 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇنىڭ قورال تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئوسمان باتۇر "بۈگۈن قورال تاپشۇرغان ، ئەتە جېنىنى تاپشۇرىدۇ" دەپ قورال تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل پاچاق ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1951- يىلى ئوسمان باتۇر خىتاينىڭ قىزىل پاچاق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ قورال بىلەن ئېتىپ شېھىد قىلىنغان.
ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى ئالىم جېففېرسۇن روبېرتىس ئەپەندى، ئوسمان باتۇرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار خىتاي كۈچلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىشنى داۋام قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى 1949 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە ئەڭ ئاز يەتتە قېتىم چوڭ ئىنقىلاب مەيدانغا كەلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئورۇن ئالغان ھەمدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان رەھبەرلەردىن بىرى ئوسمان باتۇردۇر. ئوسمان باتۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 1951 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئوسمان باتۇر شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى، ياشاش ئۇسلۇبىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل كۈچلەرگە قارشى كۆرەش قىلدى.
1950 - يىلى ئوسمان باتۇرنىڭ توغۇلغان يۇرتى كۆكتوقاي رايونىدا قازاقلار خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىپ قوراللىق كۆرەش قىلدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ قوراللىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدا خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى خەلققە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوسمان باتۇرنى قارىلاپ ، باندىت دەپ تەشۋىق قىلدى. 1949 - يىلدىن بىرى ئوسمان باتۇرنى ئىمپىريالىستلارنىڭ جاسۇسى، باندىت ، بۇلاڭچى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىگۇناھ خەلقنى ناھەق ئۆلتۈرگەن دېگەندەك ئورۇنسىز تۆھمەتلەرنى چاپلاپ خەلققە يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوسمان باتۇرنى قارىلاپ تۆھمەت قىلدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى دۈشمەن كۈچلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلجىرلاپ خەلقنى ئالدىدى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى 1950 - يىلى ئوسمان باتۇرنى تىنچلىق ۋە مەدەنىيەتكە تەھدىت قىلغان، خەتەرلىك باندىت شەكىلدە كۆرسىتىپ، رەسىملەرنى تارقاتتى . شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى ئالداپ ئوسمان باتۇرغا ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر روھلۇق شەخسلەرنى دۈشمەن كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئوسمان باتۇرنى دۈشمەن دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوسمان باتۇرنى ئىمپىريالىستلارنىڭ جاسۇسى دەپ تۆھمەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ ئوسمان باتۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش تارىخىنى ئوسمان باتۇر بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان ، ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى CIA نىڭ خادىمى Douglas Mackiernan نىڭ خىتاينىڭ چېگرا قوغداش ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتقا يەنى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگە توغرىلاپ ئىجرا قىلغان.
0:00 / 0:00