ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرگە ئەۋەتكەن جەڭچىلىرى

ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەۋرىدە ياقۇپبەگ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىز بىر قىسىم تۈرك ئوفىتسېرلىرىنى نۇرغۇن قورال-ياراق بىلەن قەشقەرىيىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن.

0:00 / 0:00

بۇ ئوفىتسېرلار قەشقەرىيىنىڭ توپچى ۋە پىيادە قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە ھەسسە قوشقان ئىدى. يېقىندا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.