يېقىندا تۈركىيىنىڭ بىر قانچە مۇھىم گېزىتلىرىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ بۇ ماقالىدە، ئەينى زاماندىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بولغان ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەنۋەر پاشا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك بىرلىكى قۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەخپىي ۋەزىپە ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادىل ھېكمەت قاتارلىق 5 نەپەر رازۋېدكا خادىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستانغا بارغانلىقى ۋە رۇسلارغا قارشى قىرغىزلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، يەتتە سۇ ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە قىرغىزلارغا قوماندانلىق قىلغانلىقى، كېيىن يېڭىسار، يەكەن ۋە قەشقەر شەھەرلىرىگە بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاناتولىيە مۇخبىرى ئېلى ئېھسانچام تەرىپىدىن «شاڭخەيدە 5 ئوسمانلى جاسۇسى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە تۈركىيىدە چىقىدىغان، زامان گېزىتى، ساباھ، تۈركىيە ۋە رادىكال گېزىتلىرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەنۋەر پاشا، پانتۈركىزمنى تۇرغۇزۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك بىرلىكى قۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەخپىي ۋەزىپە ئۈچۈن ئادىل ھىكمەتبەي قاتارلىق 5 نەپەر رازۋېدكا خادىمىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتكەن. «تەشكىلاتى مەخسۇس» ناملىق دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ نامىدا 1914-يىلى ھىندىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن ئادىل ھىكمەتبەي قاتارلىق 5 نەپەر ھەربىي گېنېرال دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قانچە رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئادىل ھىكمەتبەي ھىندىستانغا بارغاندا 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ ئادىل ھېكمەت ۋە سەپداشلىرىنىڭ مەركەز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشقا سەۋەب بولغان. ئەمما، ئادىل ھېكمەت ۋە سەپداشلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ھىندىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا، ئۇ يەردىن قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا بارغان. ئۇ يەردە «ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي» تەشكىلاتىنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسى بويىچە تۈرك بىرلىكى ئىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان. ئۇ دەۋردە ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان رۇسلارغا قارشى قىرغىزلارنى قوراللىق ھەرىكەتلەندۈرگەن ئادىل ھىكمەتبەي ۋە سەپداشلىرى نەچچە يىل داۋام قىلغان ۋەقەلەر جەريانىدا بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. تۈرمىلەرگە قامالغان ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ قېچىپ قۇتۇلغان ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلغان.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئادىل ھىكمەتبەي ۋە سەپداشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرقىي تۈركىستانغا ئۆتكەن ئۇ يەردە خىتاي، رۇس ۋە ئىنگلىز جاسۇسلىرى ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشكەن. ئۇلار خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قۇرۇقلۇق يولى بىلەن شاڭخەيگە قېچىپ كەتكەن ۋە شاڭخەيدە گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە كونسۇلخانىسىدا پاناھلانغان. ئادىل ھىكمەتبەي خىتايلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىش خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈركىيىگە قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ، گوللاندىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىغا مەكتۇپ يازغان. گوللاندىيە كونسۇلخانىسى بۇ ھەقتە ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئارىدا ئادىل ھىكمەتبەي ئەسىرگە چۈشكەن گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياپونىيىنىڭ بىر پاراخوتى بىلەن ھامبۇرگقا يولغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇ دەۋردە شاڭخەيدە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان ياپونلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان نەتىجىدە بىر ياپون دوختۇر گېرمانىيىگە ئەسىر يۆتكەيدىغان پاراخوتقا ئادىل ھىكمەتبەينى سېلىپ يولغا سالغان. ئادىل ھىكمەتبەي ھامبۇرگ پورتىغا كېلىپ ئۇ يەردىن تۈركىيىگە ساق -سالامەت قايتىپ كەلگەن. ئادىل ھېكمەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا مەخپىي ۋەزىپە ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن «تەشكىلاتى مەخسۇس» نىڭ ئەزالىرى قۇشچى باشى سېلىم شامى، ھۆسەين ئەمرۇللاھ، ئەسلى قىرىملىق بولغان ھۈسەيىن باي، ئەسلى جۇرجى بولغان بۇرسالىق ئىبراھىم ھەقلى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان.
ئادىل ھىكمەتبەينىڭ ئەسلىمىلىرىم بولغان «ئاسىيادا بەش تۈرك» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئادىل ھىكمەتبەينىڭ قەشقەر ۋە يېڭىسار زىيارىتى ھەققىدە يازغان خاتىرىلىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: 1914-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى پىشاۋۇردىن يولغا چىقىپ 60 يول يۈرگەندىن كېيىن يەنى 1914-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىسارغا يېتىپ كەلدۇق. چىن تۈركىستاننىڭ يېزا -مەھەللىلىرىنى ئارىلاپ كېتىۋاتاتتۇق. مەھەللىلەردىن ئۆتۈۋاتقاندا كىشىلەر بىزگە قوغۇن، تاۋۇز بېرەتتى. كىشىلەر بىزنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن تاماق ۋە مېۋىلەر بىلەن مېھمان قىلاتتى. مانا بۇ مەن نەچچە يىلدىن بىرى خىيال قىلىپ ياشاپ كەلگەن تۈركىستاننى كۆرۈۋاتاتتىم. مانا بۇ مۇبارەك قىتئەنىڭ تۈركلىرى. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن ئىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ يەر بىزنىڭ پائالىيەت سەھنىمىز ئىدى. پۈتكۈل ئىشلىرىمىزنى بۇلار بىلەن بۇ ئەتراپتا قىلاتتۇق. بۇ يەرلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇرتى ئىدى. بۇ يەردىكى خەلقنىڭ چىرايىدىن كۈلكە-تەبەسسۇم كۆرەتتىم. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى مۇز چىراي ئەمەس ئىدى. يېڭىسارنىڭ ئۆيلىرى ئاناتولىيىنىڭ ئۆيلىرىدىن ھېچ قانداق پەرقى يوق ئىدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر خۇشال-خۇرام كۆرۈنەتتى.