ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتكەن مەخپىي رازۋېدكا خادىملىرى (2)

كىتابتا يەنە ئادىل ھېكمەت ۋە سەپداشلىرىنىڭ يېڭىساردا مەنسۇر ھاجى دېگەن كىشىنى زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ،1914-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىسى بىزنى مەنسۇر ھاجى ئىسىملىك بىر شەيخ بىزنى ھۇزۇرىغا دەۋەت قىلدى.

0:00 / 0:00

بىز باردۇق، ئۇ شەيخ بىزگە ئوغلىنىڭ ئىستانبۇلدىكى گالاتاساراي مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىزگە ئۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ شەيخنىڭ يېنىدا، تۈركىيىدە چىقىدىغان ۋاقىت ۋە تەرجىمان گېزىتلىرى بار ئىدى.

بىز ئۇ گېزىتنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئىستانبۇلدىكى ھامىدىيە ۋە ئەتراپىنى رۇسلارنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۇق. بۇ يەردە بىزنىڭ بىر زاھىت ئەمەسلىكىمىزنى ھەممە ئادەم بىلدى. شۈبىھىيلىك كىشىلەر بولدۇق. ئۇ يەردىكى رۇسلارنىڭ كۆزلىرى بىزگە تىكىلگەن ئىدى. بىزنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى. رۇسلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى بىزمۇ ھېس قىلغان ئىدۇق. بىز رۇسلاردىن ئەندىشە قىلاتتۇق، چۈنكى بۇ يەردە خىتايلارنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى يوق ئىدى. رۇسلارنىڭ، قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى يەكەندە كونسۇلخانىسىنىڭ ۋەزىپىلىرى خىتايلارنىڭ بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىقىغا مۇداخىلە قىلىش ئىدى. بۇ يەردە رۇسلار ۋە رۇسلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا خىتايمۇ ھېچ بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. خىتاي مەھكىمىلىرىگە رۇسلارنىڭ زومىگەرلىك قىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ داۋاسى سورالمايتتى.

كىتابتا يەنە ئادىل ھكىمەتبەي ۋە سەپداشلىرىنىڭ يېڭىساردىن قەشقەر ۋە يەكەنگە سەپەر قىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئادىل ھېكمەت ۋە سەپداشلىرى ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ بىر قىسمى يەكەنگە يەنە بىر قىسمى قەشقەرگە بېرىشنى قارار قىلغان ۋە ئادىل ھېكمەت بىلەن ئەمرۇللاھ باي قەشقەرگە، ھۈسەيىن ۋە ئىبراھىم ئەپەندىلەر يەكەنگە قاراپ يولغا چىققان.

ئادىل ھىكمەتبەي ئۆز خاتىرىسىدە قەشقەرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان: قەشقەر چوڭ بىر ئىسلام ۋە تۈرك مەركىزى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ئىدى. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى بۈيۈك تەختنىڭ بېشىغا ئولتۇرغان ياقۇپخان بۇ يەردە پادىشاھلىق قۇرغان ۋە تۈركىيىگە بولغان سۆيگۈ ۋە ھۆرمىتىدىن ئوسمانلىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلئەزىزگە بەيئەت قىلىپ قول بەرگەن. بۇنداق ئىكەن بۇ يەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئەبەدىيلىك مۇستەقىللىق ئاستىدا ياشىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قەشقەرگە يەرلەشتۇق. تۈرك دۇنياسىنىڭ بەك مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردە پائالىيەت قىلىش بىز ئۈچۈن ئاساندەك قىلاتتى. قەشقەردە ئىنتىزام ۋە تەرتىپ بىلەن ياشاش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ۋەزىپە تەقسىم قىلدۇق.

كىتابتا يەنە ئادىل ھىكمەتبەينىڭ قەشقەردە مۇسا باي ئاچقان مەكتەپنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە مۇسا باي بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: بىزنى قەشقەردە ئېچىلغان بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى زىيارەت قىلدى. بۇ كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ مۇسا باينىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان ئىكەن. بىزنى مەكتەپنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بىز مەكتەپنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولغان مۇسا باي بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتلەشتۇق. مۇسا باي ناھايىتى مۆتىۋەر ۋە ھەرىكەتچان كىشى ئىدى. بۇ بىزگە مۇنداق دېدى:
«مەن دۇنيانى ئايلىنىپ چىققان بىر ئىنسان. گېرمانىيىگە باردىم ۋە تۈركىستاندا بىر زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن جاھازە ۋە ئۈسكۈنىلەر ئېلىپ مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە بۇ يەرگە كەلتۈردۈم. بۇ يەردە ئىشلەۋاتىمىز. خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپ ئاچتىم. ئىستانبۇلغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتتىم. ئۇ يەردىن مەكتەپتە مۇدىر تەكلىپ قىلدىم.»

مۇسا باي مۆھتەرەم بىر ئائىلىگە مەنسۇپ ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ناھايىتى كەمتەر خۇش پېئىل ئىدى. تاماق ۋاقتى كەلگەندە كەمتەرلىك بىلەن بىزنىڭ قولىمىزغا سۇ قويۇشىدىن مۇسا باينى توسالمىدۇق. ئۇ بىزگە «سىلەر بىزنىڭ باش تاجىمىز»، دەيتتى.

كىتابتا يەنە ئادىل ھىكمەتبەي ۋە سەپداشلىرىنى خىتايلارنىڭ تۇتۇپ رۇسلارغا تاپشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى نەتىجىدە ئادىل ھېكمەت ۋە سەپداشلىرى قۇرۇقلۇق بىلەن قېچىپ شاڭخەيگە بېرىپ گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە كونسۇلخانىسىغا پاناھلانغانلىقى ۋە بىر قانچە يىلدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ پاراخوتى بىلەن گېرمانىيىگە بېرىپ ئۇ يەردىن تۈركىيىگە ساق-سالامەت قايتقانلىقى يېزىلغان.

ئادىل ھىكمەتبەينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، قەشقەر خاتىرىلىرىنى تۇنجى قېتىم 1927-يىلى بىر گېزىتتە بىر قانچە قىسىمغا ئايرىپ ئاڭلاتقان ۋە 1998-يىلى دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى ئەپەندى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، "ئاسىيادا بەش تۈرك" ناملىق كىتاب شەكىلدە نەشر قىلىنغان.