شۋېتسىيىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە خىتاي گۇرۇپپا باشلىقى كۆكبايراققا قارشى ساقچى چاقىردى

ئۇيغۇر كوماندىسىنى ئېلىپ كەلگەن خىتاي كوماندا ۋە گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ئاخباراتقا بەرگەن غەيرىي نورمال بايانلىرى ۋە ساقچىلارغا قويغان غەيرىي نورمال تەلەپلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 22‏-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشتى. بىر ھەپتە داۋاملاشقان مۇسابىقىدە، غۇلجا تۇرپانيۈزىدىن كەلگەن ئۈمىد كوماندىسى شۋېتسىيىنىڭ ئۈچ كوماندىسى، گېرمانىيىنىڭ بىر كوماندىسى ۋە گىرىتسيىنىڭ بىر كوماندىسى بولۇپ جەمئىي 5 كوماندىنى يەڭگەن. 6-رەقىبى قىبرىس(سىپرۇس) كوماندىسى بىلەن چۈشكەندە ناھايىتى ئاز بىر پەرق بىلەن يېڭىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.

شۋېتسىيىدە خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار. 2012-يىلى ئىيۇل.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مۇسابىقە داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىدىن باشقا يەنە، خىتايدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان چىرايى بىلەنمۇ تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. خىتايلارغا ھېچ ئوخشىمايدىغان بۇ بالىلارنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي كوماندىسىدا بولۇپ قالغانلىقى تاماشىبىنلارغا سىرلىق تۇيۇلغان. بۇ سىرنى تاماشىبىنلار سېپىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قوللىرىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتلىرى بىلەن يېشىپ بەرگەن. ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ مايكىسىغا يوغان ھەجىمدە چۈشۈرۈلگەن خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بۇ بالىلارنىڭ ئەسلى مىللىي كىملىكىنى يوشۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوماندا باشلىقى، تاماشىبىنلارنىڭ ئۈمىد كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى سوئالغا «بۇلار جۇڭگولۇقلارغا ئوخشىمايدىغان، جۇڭگو پۇقرالىرى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

بولۇپمۇ، خىتاي كوماندا باشلىقىنىڭ شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەققىدە توختىلىپ «ئەگەر بۇلار جۇڭگودا بولغان بولسا تېررورچى دەپ قارىلاتتى ۋە بۇ چاققا جازالىنىپ بولاتتى» دېگەن سۆزلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. خىتاي كوماندا باشلىقى يەنە، مەيداندا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنىڭ لەپىلدىشىنى توسۇش ئۈچۈن ساقچى چاقىرغان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قولىدا بايراقتىن باشقا نەرسە يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىغان. ئەكسىچە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەن.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەتتا، دۆلەت ھاكىمىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، بۈگۈن دۇنيادا ئومۇملاشقان ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلەردىن، ياۋروپادىكى ئەڭ ئومۇمى قىممەت قاراشلاردىن خەۋەرسىزلىكى، بۇ سەۋەبتىن چەتئەل سەپەرلىرىدە كۈلكىلىك ۋە ھەجۋىي قىلىقلاردىن ساقلىنالمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.