ئوتتاۋادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

8‏ - ئاينىڭ 7‏ - كۈنى يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى بەختىيار شەمشىدىننىڭ نەق مەيداندىن رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، كانادا پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، تىبەتلەر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فالۇنگۇڭ تەرىقىتى ۋە خىتاي دېموكراتلىرى قاتارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا بەش يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشتا كانادانىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى دېۋىد كالگور، كانادا پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان مونتىرىيال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر قىزى قەلبىنۇرنىڭ ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرى نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈن نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان كانادانىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى دېۋىد كەلگۇر ئەپەندى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى ": بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە 32 مىليون كانادا خەلقىنىڭ ۋە بۈگۈنكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىشتىن ئىبارەت. لېكىن بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق بىر چەتئەللىك مۇخبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەندە، خەلقئارا جامائەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ."

باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن كېلگور ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۇيغۇرلار تىنچلىقپەرۋەر، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىمايدىغان بىر خەلق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى كىشىنى غەزەپلەندۈرۈدۇ. قەشقەردە 16 خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بىر ۋەقە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇيغۇرغا تېررورچىدەك مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ ناھايىتىمۇ خاتا بىر قاراش بولۇپ بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ."

ئوتتاۋادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشقا كانادانىڭ مونتىرىيال شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان ئەركىن ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشتىكى ھېسسىياتىنى سۆزلەپ بەردى.