ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تىبەت يۈجەتۈرك، تۇرغۇت بايقال، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلكەرىم كۇچا، شەرقىي تۈركسىتان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان ۋە باش كاتىپى دوكتور فەتھى ئەخمەتيۈكسەل، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم كۆپ ساندا ئۇيغۇر، قازاق ئۆزبېك تۈركلىرى قاتناشتى.
مۇراسىمدا ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نى تەبرىكلىدى ۋە خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە خىزمەت-پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىز بۇ جەمئىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇخېلىل ھاجى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇخېلىل ھاجى، بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۆزبېكلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ بىرلىك باراۋەرلىك ھاسىل قىلىش.
تۈركىيىگە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قېچىپ كېلىۋاتقان ئۆزبېكلەرنىڭ تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئوقۇش يېشىدىكىلەرنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق رۇخسەت كىنىشكىسى ئېلىش، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش يولىدا دۇچ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئىتى مەقسەت قىلىنغان خىزمەت-پائالىيەتلەردە باشقا ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت.
بىز بۇ جەمئىيەت ھەققىدە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇت بايقال ۋە شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، خىزمەت-پائالىيەتلەردە «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان يىپەك يولى رېستورانىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ نامىدا زىياپەت بېرىلدى.