ئەنقەرەدە "ئوتتۇرا ئاسىيا شاماللىرى" تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تەپتىش ئىدارىسى كادىرى ئەسەر ساقا تۈركىستانلى خانىمنىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيا شاماللىرى" ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قىزىلئايدىكى مىللىي پىيانگو رەسىم كۆرگەزمىخانىسىدا رەسمىي باشلاندى.

0:00 / 0:00

ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تەپتىش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ottura-asiya-shamalliri-korgezmisi-305.jpg
ئەنقەرەدە ئېچىلغان "ئوتتۇرا ئاسىيا شاماللىرى" رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان سۈرەتلەر. 2010-يىلى 22-دېكابى (RFA/Erkin Tarim)

بۇ كۆرگەزمىگە، ئەسەر ساقا تۈركىستانلى خانىم قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قەشقەردە تارتقان 50 ئەتراپىدا رەسىم قويۇلغان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەسەر ساقا تۈركىستانلى خانىم ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن 1930-يىللاردا تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى، دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئانا يۇرتىنى ئىزدەپ دادىسى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەشقەر كوچىلىرىنى رەسىمگە تارتىپ 2007‏-يىلى تۇنجى رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.

2010-يىلى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا بېرىپ كۆپلىگەن رەسىم تارتىپ مەخسۇس كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى، بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تارتقان رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلغانلىقىنى بۇنىڭدىكى سەۋەب تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان تۈركىستاندىكى تارىخى جايلارنى ۋە تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى تۈركلەرگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.