'ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارا سۇ مەسىلىسى' دېگەن قانداق مەسىلە؟

قازاقستان قابار ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە دېپلوماتى4 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادۆلەتلىرى ئارا سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى بۇيىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.28

سۇ مەسىلىسى سۆھبەتلىرى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن قازاقستان، ئۈزبېكستان، تاجىكستان، قىرغىزستان، تۈركمەنستاندىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى جەم بولۇپ، سۇ مەنبەلىرىدىن ئۆز - ئارا تەڭشەپ پايدىلىنىش توغرىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىشقا تىرىشتى. بۇ، خەلقئارادا ئارال دېڭىزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ 2003 ‏- يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا فوند جەمئىيىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا سۆھبەت ناھايىتى قېيىن بولدى. تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپلار ناھايىتى جىددىي تۈس ئالدى.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، قازاقستان بىلەن ئۈزبېكستان ئارىلىقىدىكى ئارال دېڭىزى دۇنيا بۇيىچە تۆتىنچى چوڭ ئىچكى دېڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مۇشۇ سۇ مەنبەسىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا ياخشى ھەل قىلىنمىغان مەسىلە ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە سۇ مەنبەلىرىدىن ئۆز-ئارا تەڭشەپ پايدىلىنىش جەھەتتە كېلىشم ئىمزالىيالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن خالى ھالدا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسى تېخى مەلۇم ئەمەس.

يەرشارى مۇھىت پەنلىرى دوكتورى، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان پەيزۇللا زەيدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇ مەسلىسى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

سۇ-ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئەڭ ئاساسى گەۋدىسى

دوكتور پەيزۇللا زەيدىننىڭ بايان قىلىشىچە، سۇ- ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئەڭ ئاساسى گەۋدىسى. ئەگەر سۇدا ئۆزگىرىش كېلىپ چىقسا، پۈتۈن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيادا قوشنا دۆلەتلەر ئارا سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، چوڭ ئۇرۇش-جىدەل چىققان مېساللار كۆپ.

قوشنىسىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مەسىلىسى

دوكتور پەيزۇللا زەيدىننىڭ قارىشىچە، گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارا سۇ مەسىلىسىدە ھەرخىل ئىختىلاپلار بولسىمۇ، قوشنىسىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى بولغاچقا، ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا كېلىشىم ھاسىل قىلالايدۇ.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.