ئوتتۇرا ئاسىتا ئەللىرىنىڭ ئارىسدىكى سۇ بايلىقى ۋە زېمىن ئىختىلاپى مۇناسىۋەتلەرنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر يېڭى بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى ۋە سۇ بايلىقى تەقسىماتىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.01.25
Ottura-Asiya-xeritisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﯨﺴﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
http://maps.google.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ ئىككى مەسىلە رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ھەل بولماي كېلىۋاتقان زور مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلە بەزىدە ئۆتكۈرلىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلار ئارىسىدىكى چېگرا ۋە سۇ بايلىقى ئىختىلاپى بۇ ئەللەر ئارىسىدا بەزىدە دىپلوماتىك كرىزىس يارىتىپ، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى سوغۇقلاشتۇرۇۋېتىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بەزىدە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلىك بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

چېگرا ۋە سۇ بايلىقى ئىختىلاپى بىر قەدەر گەۋدىلىك دۆلەتلەر قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندۇر. قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە 2009‏ - يىلى بۇ ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئارىسىدا زېمىن ۋە سۇ بايلىقى سەۋەبى يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىنىڭ قېتىم سانى ئاز دېگەندە 40 كە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
ئۆزبېكىستان ئالدىنقى كۈنى، 17 - يانۋاردىكى چېگرا توقۇنۇشىدا ئەسىر ئالغان بىر قىرغىز ئەسكەرنى بېشكەك دائىرىلىرىگە قايتۇرۇپ بەردى. 17‏ - يانۋاردىكى بۇ توقۇنۇش يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ 2 - قېتىملىقىدۇر. ئالدىنقى قېتىمقى چېگرا توقۇنۇشى 1 - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، 2‏ - يانۋاردىكى بۇ ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئىدى. بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەردە قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان بىر - بىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى قارشى تەرەپنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

سۇ بايلىقى بولسا بۇ ئەللەر ئارىسىدىكى تەخىرسىز ۋە جىددىي ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى سۇ مەسىلىسىگە ئائىت ئىختىلاپنىڭ نىگىزى ئامۇ ۋە سىر دەريالىرىنىڭ سۈيىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسىدۇر. ئامۇ ۋە سىر دەريالىرىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاندا بولۇپ، بۇ ئىككى دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاننى كېسىپ ئۆتىدۇ شۇنداقلا تۆۋەنكى ئېقىمدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرى، دەريا سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستاندا سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئېغىرلاشقان ئىدى. لېكىن قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاندا ئېنىرگىيە ۋە توك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بۇ يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتنىڭ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا توسما قۇرۇپ، سۇ ئامبېرى سېلىش ۋە سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇ مەسىلىسى كەلگۈسىدە گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان بولسا، دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئامبېرى سېلىپ، ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى چىقىپ، تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دەريا سۈيىنى بىر تەرەپلىمىلىك پايدىلىنىشىغا ئۆكتە قوپقان ئىدى.

قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ توسما قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىشدىكى سەۋەبى "سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسى رايوندىكى دۆلەتلەرگە ئورتاقتۇر. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا سۇ ئامبېرى سېلىپ، ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش تۆۋەنكى ئېقىمدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۇ مەسىلىسىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان تۆۋەن ئېقىمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللۇقىسىز سۇ ئامبېرى ۋە ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك." لېكىن تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ ئىنكاسىغا پەرۋا قىلماي سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، بەزى دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. تاجىكىستان كېلىشىم تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى خىتاي ئىدى. خىتاي تاجىكىستانغا 300 - 200 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، نۇرئاباد سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان.

بەزى مەتبۇئاتلاردا تاجىكىستاننىڭ بۇ قارارى ئۆزبېكىستاننىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، تاشكەنت دائىرىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى توشۇۋاتقان يۈك پويىزلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكتور قاھار بارات، كېلەچەكتىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، سۇ مەسلىسى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يىتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، شاڭخەي گۇرۇھى ھەمدە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر مەسىلە.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ پىلانى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، سۇ ئامبېرى ۋە ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى كېرەكلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. لېكىن قاھار بارات، رۇسىيە بىلەن خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئىچكى ئىختىلاپلاردا تەرەپ تۇتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.