ئۇ، "ئىقتىسادىي كرىزىس ئەسلىدىلا كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولمىغان كىشىلەرنى تېخىمۇ ئامالسىز ئەھۋالدا قويدى. ئەمما بىزنىڭ ساقلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىمىز يوق. بۇ كېسەللىك كۆپىنچىسى يوقسۇل كىشىلەر ئارىسىدا تارقالماقتا، ئۇلارغا ياردەم قىلمىساق ، ئەيدىز پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ كېتىدۇ" دەپ ئەسكەرتتى.
مىچەل سايدىبى بۇ سۆزلەرنى باڭكوكتا 150 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان يىغىندا قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قويۇلغان ساياھەت قىلىش چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ساياھەتكە چەكلىمە قويۇشتەك تەدبىرنى "مودىدىن قالغان" دەپ تەرىپلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئىقتىسادىي كرىزىس تۈپەيلى مالىيىدىكى پۇلنى قىسىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن بولغان كۈرەشتە كەينىگە چېكىنمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.
UNAIDS نىڭ باشلىقى مىكەل سايدىبى دۇنيا مىقياسىدا كېيىنكى 8 يىلدا ئەيدىز ۋىرۇسى قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ 17 پىرسەنت ئازايغانلىقىنى، ئەيدىز بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭمۇ كېيىنكى 5 يىلدا 10 پرسەنت چۈشكەنلىكىنى ۋە 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشى داۋالىنىش شارائىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى رايونلاردا يېڭى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ رايونلار شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولۇپ، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى مۇشۇ رايونلاردا كۆرۈلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رايونلاردا ۋىرۇس تارقاتقۇچىلار ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر بولۇپ، ئۇ بۇ رايونلاردا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جىنايەتچىدەك مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش ئورۇنلىرىغىمۇ بارمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
دەرۋەقە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىر بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى جىددىي بولۇپ، خىتاي بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە 2009 - يىلى سېنتەبىرگە قەدەر ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 27 مىڭ 12 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە رەسمىي ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ سانى 3910 نەپەر، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 2555 نەپەر ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئىشخانىسى تارقاتقان دوكلاتتىن نەقىل ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بەش ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم شەھەرلەر، ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، تۇرپان بولۇپ، 2009 - يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان 9 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 4073 نەپەر يۇقۇمدار كۆپەيگەن، بۇ خىل كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى خېلى بۇرۇنلا تارتقان بولۇپ، ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە باشقا ھەرقانداق بىر تەھدىتتىنمۇ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكا مەرىيلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاستىن رودېلسون 2002 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ تىز سۈرئەت بىلەن ئۆرلەۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كېسەللىكىنىڭ بۇنداق سۈرئەت بىلەن تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خەلقئارا قىزىل كىرست جەمئىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى قىزىل كىرست جەمئىيەتلىرى ھەمكارلىشىپ كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پروگرامما دائىرىسىنىڭ چەكلىك بولۇشى، ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن يېتەرلىك ھەمكارلاشماسلىقى ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزمەسلىكىدەك ئەھۋاللار تۈپەيلى قېيىنچىلىقلار تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئەيدىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ھەر قانداق بىر باشقا تەھدىتتىنمۇ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.
دەرۋەقە، گەرچە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خېلى بۇرۇنلا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە قولغا چىققۇدەك بىر ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ ھەقتە ئىلگىرى رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن كىشىلەرمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەتلا ستاتىستىكا ۋە تەشۋىقاتنىلا ئاساس قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى كونترول قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى دەسلەپكى قەدەمدە داۋالايدىغان ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئەيدىز ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا ھەتتا يېزىلاردا كەڭرى تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال كۈزەتكۈچىلەردە گۇمان پەيدا قىلماقتا.
رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئەھۋال مەلۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشىش ئەمەس، ئەكسىچە ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. مانا بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن مەھرۇم ياشىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمەيۋاتقان بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەب ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن ئەيدىزنىڭ زەھەر چەككۈچىلەردىن ئۆتۈپ نورمال پۇقرالار ھەتتا دېھقانلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقانلىقىغا جاۋاب بولالايدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.