ئوتتۇرا شەرقتە مۇستەملىكىگە قارشى ئىنقىلابنىڭ نامايەندىسى

بۇندىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك چەتئەللىك مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قامىلىدا بولۇپ، خەلق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ھايات كەچۈرەتتى. لېكىن ئوتتۇرا شەرق خەلقى مۇستەملىكىگە بىر كۈنمۇ رازى بولمىدى.

0:00 / 0:00

ئۇلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ۋە زورلۇقلارغا قارىماي مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ ئاخىرى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلدى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولۇپ ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىدى. ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ مۇستەملىكىگە قارشى يوللۇق دەۋاسىنى تىنچلىق يول بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە دىنى ئۆلىمالارنىڭ رولى چوڭ بولدى. مىسىرنىڭ سابىق مۇپتىسى، ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇمۇ شۇنداق ئالىملارنىڭ بىرىدۇر.

ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۈمىدى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىكتورى سىراجىدىن ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

سىراجىدىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

سىراجىدىن ئەپەندى ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇنى تونۇشتۇرۇپ مۇندا دېدى:" مۇھەممەد ئابدۇ ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ، خۇسۇسەن مىسىر خەلقىنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدىن تىنچلىق يولى بىلەن قۇتۇلۇشىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان، ئىسلاھاتچى ئالىم ۋە ئاتاغلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرىدۇر. مۇھەممەد ئابدۇ 1849 - يىلى مىسىرنىڭ بۇھەيرە ۋىلايىتىدە تۈركمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن تۈرك نەسىللىك ئالىم. شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر بىر تەرەپتىن ئىنگلىزلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە قالغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى رايونلاردىن سانىلاتتى. شۇڭا ئۇجايدا ئۆزبەك، ئۇيغۇر، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر كۆپ ئىدى. ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئاتىسى تۈركمەن، ئانىسى مىسىرلىق ئەرەب ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ كىچىكىدىن دىنىي ئىلىمگە چوڭ قىزىقارلىق بىلەن كىرىشكەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆز زامانىسىنىڭ ئەللامىسىگە ئايلانغان. كېيىنچە مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىم جامالىددىن ئافغانىينىڭ قولىدا تەربىيىلىنىش ئارقىلىق ئىسلاھات يولىغا قەدەم قويغان ۋە چەتئەللىك مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تىنچلىق بىلەن مۇجادىلە قىلغان."

مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تۆھپىلىرى

سىراجىدىن ئەپەندى ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئىسلاھات ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى تۆھپىلىرىنى بايان قىلىپ مۇندا دېدى:" ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇ ئىسلاھاتنى ئالدى بىلەن مائارىپتىن باشلىغان بولۇپ، بىرىنچى قەدەمدە مىسىردىكى دۇنياغا داڭلىق ئالىي بىلىمگاھى ئەزھەردىكى ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ۋە پەن تېخنىكا بىلىملىرىنىمۇ ئوقۇتۇش، مۇسۇلمان ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئۈندەش، مۇستەملىكىگە قارشى تىنچلىق ۋە ئىلمىي يول بىلەن مۇجادىلە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا نەتىجىگە ئېرىشتى. 1882 - يىلى مىسىردا مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئەھمەد ئۇرابى باشچىلىقىدىكى خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، مۇھەممەد ئابدۇ قوزغىلاڭنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئىنگىلىزلارغا قارام مىسىر سۇلتانى خىديىۋى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مىسىردىن ئۈچ يىللىق پالانغان. بۇ ئارىدا مۇھەممەد ئابدۇ فرانسىيىگە بېرىپ ئۇستازى جامالىددىن ئافغانى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككىسى بىرلىكتە " ئەل ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا" (مەھكەم تۇتقۇ) ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان. لېكىن بۇ ژۇرنالنىڭ ماقالىلىرى ئىنگىلىزلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى مەۋقىئەدە بولغانلىقى سەۋەبلىك بىر يىلدىن كېيىن چىقىشتىن توختاپ قالغان. كېيىنچە، مىسىر ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپۇ قىلىشى بىلەن مىسىرغا قايتىپ بېرىپ، ئاۋۋال ئىسلام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، كېيىنچە مىسىرنىڭ مۇپتىسى بولغان. مۇھەممەد ئابدۇ خەلقنى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىپ كۆپلىگەن قىممەتلىك ماقالىلەرنى ۋە دىنىي ئەسەرلەرنى يازغان. 1905 - يىلى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە 56 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن."