بولۇپمۇ يەمەن، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نامايىشچىلار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبە قىلىشنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى نامايىش ئۇزۇنغا سوزۇلغان خەلق ئىنقىلابىغا ئايلىنىپ، ئىچكى ئۇرۇش ھالىغا يېتىپ قالماقتا. تەھلىلچىلەر يەمەن بىلەن لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كېلىشمەسلىكنى ئاز دېگەندەك، سۈرىيىدە چىققان خەلق نامايىشى قوراللىق باستۇرۇلۇشتىن قەتلىئامغا ئۆتمەكتە.
يەمەن ۋەزىيىتى يامانلاشماقتا
يەمەن ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىپ بارماقتا. ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ تەختتىن چۈشۈپ بېرىدىغانلىقىغا ئاللىبۇرۇن ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋىتىنىڭ مىسىر رەئىسى ھۆسنى مۇبارەككە ئوخشاش سوتلىنىش دەرىجىسىگە يېتىپ قېلىشىدىن قورققانلىقتىن، ئىنقىلابچى خەلقتىن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە كاپالەت تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ بۇ شەرتنى رەت قىلغانلىقىنى سۆزلىمەكتە.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 19-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر چوڭ يىغىن چاقىرىپ، يەمەندىكى ئىنقىلابچىلارنى يەمەن رەئىسىنىڭ تەختتىن چۈشۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈستىدىن ئەرزدار بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما يەمەندىكى نامايىشچى خەلق ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ ھېچقانداق بىر شەرتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا جاكارلىغان ئىدى.
يەمەندىكى نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىلى 2011-يىلى19-ئاپرېل كۈنى «ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:« بىز يەمەننى دېموكراتىك مەدەنىي بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق، ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ ھېچبىر شەرتىنى قوبۇل قىلمايمىز، ئۇنىڭ تىزدىن تەختنى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز ئاخىرقى غەلىبىمىزگە ئېرىشمىگىچە توختىمايمىز.»
سۈرىيىدە نامايىشچىلار ئوققا تۇتۇلدى
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيىدىكى نامايىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەڭ كۆپ قۇربان بەرگەن بىر نامايىش بولماقتا. سۈرىيىنىڭ ھەمس شەھىرى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك خەلق نامايىشىغا سەھنە بولماقتا.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۈرىيىدىكى مۇخبىرى ئەممار قۇرەبى 2011-يىلى19-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ ھەمس شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيىدىكى باستۇرۇش قورقۇنچلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. سۈرىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئاشكارا ئوق چىقىرىپ بىر قانچىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە نۇرغۇنلىرىنى يارىدار قىلدى. ھازىر سۈرىيىنىڭ ھەمس شەھىرى قانلىق باستۇرۇشقا شاھىت بولماقتا. بۈگۈن سەھەردە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. تۈنۈگۈن ھەمس خەلقى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 7نەپەر نامايىشچىنى دەپنە قىلغان ئىدى. يارىدارلارنىڭ سانىنى ئېلىش قىيىن بولماقتا. چۈنكى سۈرىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئوققا تايانماقتا. ھازىر سۈرىيىدىكى باستۇرۇش ئوق چىقىرىشتىن تەرەققىي قىلىپ قەتلىئامغا ئۆتمەكتە.»