ئوباما سۆزىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ چىققان نامايىشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، مىسىر ۋە تۇنىسقا ئىقتىسادىي تەرەپتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، يەمەن، لىۋىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈرىشىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما يەنە يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنى ھاكىمىيەتنى خەلقنىڭ قولىغا تىنچلىق يولى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ياكى تەختتىن چۈشۈپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا چاقىردى. بەھرەين ھۆكۈمىتىنى تۈرمىگە ئېلىنغان نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە مەسىلىنى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىپ تاشلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بۇ ئىشتا ئىراننىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە كۈچ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد بىلەن ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن 6 كىشىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىقتىسادىنى توڭلىتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئوبامانىڭ نۇتقىدىن كېيىنكى ئىنكاسلار
پەلەستىن مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى مۇستافا بەرغۇسى 2011-يىلى 19-ماي پەيشەنبە كۈنى قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئوبامانىڭ نۇتقى ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. دېموكراتىك دۆلەت دېگەندە رەئىس ھامۇممۇتلەق بولۇۋالمايدۇ. بەلكى رەئىس پەقەت رەمزىي سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئەمما دۆلەتنى ئۆزى مۇستەقىل خالىغانچە باشقۇرالمايدۇ. ئوبامانىڭ نۇتقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۈچ بېرىدۇ ۋە يەمەن، لىۋىيە، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاكىممۇتلەقلىرىنىڭ ناھايىتى يېقىن پۇرسەت ئىچىدە تەختتىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىدە دېموكراتىيىنىڭ ئومۇملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.»
لىۋاندا چىقىدىغان «ناھار» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى20-ماي سانىدا ئابدۇلۋاھىد ئەھمەدىي دېگەن كىشى تەرىپىدىن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 19-ماي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىسلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارگاھىدا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىلىق سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى باستۇرۇش، خەلقنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئىشلىرى مۇندىن كېيىن قەتئىي غەلىبە قىلالمايدۇ»دېدى. بۇ دېگەنلىك خەلقنىڭ خاھىشى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى ئىدى. سۈرىيە خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھۆكۈم سۈرگەن يېڭى بىر دەۋرگە كىرىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ يوللۇق نامايىشلىرىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭغا ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ياكى تەختنى بوشىتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىختىيارنى تەقدىم قىلدى. شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش يولىدا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى 1967-يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان ھالدا مەسىلىنى ھەل قىلىش، پەلەستىن خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ ھەققىگە ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا يېتىشى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن تىنچلىقپەرۋەر ئىككى قوشنا دۆلەت بولۇپ ياشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئوبامانىڭ بۇ نۇتقى ئىجابىي نۇتۇق بولۇپ سانىلىدۇ.»