بالىسىنى ئۆيىدىن رەسمىيەتسىز تۇتۇپ ئەكىتىش، ئىز - دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىش، سوراپ بارسا جاۋاب بەرمەسلىك، بەكرەك سۈرۈشتە قىلسا، تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن كۆچۈرىۋېتىش؛ مانا بۇ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا كۆرسىتىۋاتقان كۈنلىرى. ھەقسىزلىقنىڭ مانا بۇ خىل تۈرىنىڭ تارىختا بولۇپ باققان ياكى باقمىغانلىقى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى تارىخچىلارغا قالدۇرىمىز. بىز ئاخباراتچىلىقىمىز بويىچە، ئەنە شۇ ھەقسىزلىققە ئۇچراۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ پەريادىنى جەمئىيەتكە يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز، غايىپلاردىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخان مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى ئالتۇنبۇلاقتىكى ئىجارە ئۆيىدىن قوغلانغان، ئۇ 15 كۈندىن بېرى نەۋرىسى ۋە يولدىشى بىلەن بىرلىكتە ئالتۇنبۇلاقتىكى يەكەن - ئارال مېھمانخانىسدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار ۋەقەنىڭ جەريانىدا بولغاي. پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.
0:00 / 0:00