بۇ يىغىن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى 20-ئىيۇن كۈنى يىغىن ئەتىگەن سائەت 10:00 دا رەسمىي باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى ۋە شۇنداقلا بۇ بىر ھەپتىلىك يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەتنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە تارىختا ھەمكارلىقتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ داۋامىدا يەنە دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار «ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسىي پرىنسىپلار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى پروگراممىسىدا يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «ئى ھا ھا» ئىنسانى ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن دوكتور ئۆمەر فارۇق قورقماس ئەپەندى، تەشكىللىنىش ۋە تەشكىلاتنىڭ ئەھمىيىتى دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزدە ئەمەس ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تەشكىللىنىشى، ۋە بىرلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى، بۆلۈنۈشنىڭ زىيانلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى ھەم بۆلۈنۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ۋە يامان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا ئەمەلىي مىسال كۆرسەتتى.
3-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ دەسلەپكى كۈنىدە، يەنى 20-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىندا ئاساسلىقى، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش، يەنى تىل، دىن، مائارىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە ئورتاق ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىندى.
بىز، 3-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» توغرىسىدا قىرغىزىستاندىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.