شتابى ياۋروپادىكى ئازادلىق رادىئوسىنىڭ قازاق تىلى شۆبىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلى، ئىيۇن ئېيىدىن تارتىپ قازاقىستاندا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 29 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرى 9-ئىيۇن كۈنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئالمۇتا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشىنىڭ ياردەمچىسى تاشكەنباي ئائۇباكىروۋ ئۇچۇر بەرگەن.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى 12 نەپىرىنىڭ ئاياللىرى ئالمۇتا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئەرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى تۇتقۇن قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۆزبېك مۇساپىرلىرى قازاقىستاندىن باش پاناھلىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ھەمدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ 9-ئىيۇن كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ 28 ئۆزبېك مۇساپىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باش پاناھلىق سورىغانلار ئۆزبېكىستان باش تەپتىشىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 2010-يىلى 9-ئىيۇن كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئادەملەر ئۆزبېكىستاندا ھەر خىل دىنىي ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولغانلىق ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىدىن ئىزدەشكە باشلانغان ئىكەن.
ب ب س ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەتبۇئات كاتىپى ئىلياس ئۆمەروف ب ب س بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە «بۈگۈن ئۆزبېكىستانغا بۇ مەملىكەتنىڭ 28 پۇقراسى قايتۇرۇپ بېرىلدى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدە ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە» دەپ كۆرسەتكەن. بىراق مەزكۇر مۇساپىرلار ئۆزلىرىگە ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن تەقىبلىنىشكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى قازاقىستانغا مەكتۇپ يوللاپ، مەزكۇر مۇساپىرلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
ئىلياس ئۆمەروف يەنە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۆزبېك پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ھەققىدە قازاقىستان تەرەپكە يازما كاپالەتنامە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە 29 نەپەر ئۆزبېكىستان پۇقراسىنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئېلىپ، تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغانلىقى، 28 ئادەمنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىراق ئازادلىق رادىئوسى ۋە پەرغانە ئۇچۇر تورى بولسا 29 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى ۋە ياكى قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن باش پاناھلىق سوراش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بىراق، قازاقىستاندا 2010-يىلى، 1-يانۋاردىن تارتىپ ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى قانۇنسىز دەپ قارار قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ «مۇساپىرلار» غا ئائىت يېڭى قانۇنىدا مۇنداق سالاھىيەتنىڭ پەقەت قازاقىستان تېررىتورىيىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىكەن. بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئادۋوكاتى قازاقىستاننىڭ ب د ت نىڭ ئەھدىنامىلىرىگە ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا رىئايە قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق سوتچى قازاقىستاننىڭ رايون خاراكتېرلىك كېلىشىملەر ئاساسىدا بۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئۆزبېكىستاندا بۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق تەن جازاسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇمكى، 2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ ساندا ئۆزبېكلەر قوشنا ئەنجاندىن قىرغىزىستان تەرەپكە قېچىپ كېلىپ خەلقئارا جەمئىيەتتىن پاناھلىق سورىغان ئىدى. ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنى مۇستەبىتلىك بىلەن ئەيىبلىگەن بىر قىسىم ئۆزبېكلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسىي مۇساپىرلىق سالاھىيەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.