ئۆزبېكىستان - خىتاي تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇۋەتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.06.29
2009.06.29

AFP Photo
لى كېچياڭ سۆزىدە يەنە، ئۆزبېكىستاننىڭ رايوندىكى مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، لې كېچياڭ ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە مىللى مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىغا شۇنداقلا ئىقىتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆزبېكىستان-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 3 مىليارد دوللارغا پۈتىدىغان ئۆزبېكىستان - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى بىر يىلدا 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇيالايدىكەن. ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئېلىپ بېرىلغان 13 - نۆۋەتلىك نېفىت - تەبىئىي گاز يەرمەنكىسىدە ئۆزبەك نېفىت گاز شىركىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى شەۋكەت مېجىدوف تۈركمەنىستاننىڭ گازىنى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدا ئۆزبېكىستان گازىنىڭمۇ خىتايغا توشۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا زادى قانچىلىك تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق رەقەم بەرمىگەن.
خىتاي ھازىر ئۆزبېكىستانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خۇن جۈنمۇ ئالاھىدە سۆز قىلىپ ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇ قىلغان سۆزىدە، 2008 - يىلىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 5.1 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ۋە يېقىندا بۇ رەقەمنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇن جۈن يەنە ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە، خىتاي ۋە ئۆزبېكستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭمۇ ھازىر كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى شۇڭا خىتاي كارخانىچىلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە بۇ ساھەلەردىمۇ ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلغان.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بۇنداق باياناتلارنى بېرىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىتىگە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئېرىشىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
ئومۇمى ئۇزۇملىغى 7000 كىلومېتىر مۇساپىگە ئىگە بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ 185 كىلومېتىرى تۈركمەنىستاندىن، 525 كىلومېتىرى ئۆزبېكىستاندىن، 1293 كىلومېتىرى قازاقىستاندىن ئۆتىدىغان بولۇپ، " ئاسىيا ترانس گاز" دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي - ئۆزبېكىستان ئورتاق قۇرغان شىركەت بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە گاز تۇرۇبىسىنىڭ بىرىنچى قەدەم قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتىدىغانلىقىنى، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈنلەي پۈتۈپ ئىشقا چۈشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى دېگەن.
خىتاي يېقىندىلا تۈركمەنىستان بىلەن 30 يىللىق تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش توختامنامىسگە قول قويغان ئىدى. ئەمدى ئۆزبېكىستاننىڭمۇ خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىشىنى بەزى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازىغا ئېرىشىش رىقابىتىدە خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ بايان قىلدى.
ئۆزبېكىستان تەبىئي گاز قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل خادىم بولغان ۋىلادىمىر ئاتاليانتس، ئۆزبېكىستاندىكى ھازىر بار بولغان گاز تۇرۇبىسىنىڭ رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا، جەنۇبىي قىسمىنىڭ بولسا قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا تەبىئىي گاز توشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزبېكىستان - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئىشقا چۈشۈشى بىلەن ئۆزبېكىستاندا يېڭى بىر شەرق قورغىنى (ئۆتىڭى) بارلىققا كېلىدۇ، دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.