ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىدا تىرىشماقتا

بۇ ھەپتە ئامېرىكا باش قوماندانى داۋىد پېتروس ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن ئۇچراشقان داۋىد پېتروس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

بۇ زىيارەتتىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم ھەربىي تېخنىكا ئىش بىرلىكى، ئۆز ‏- ئارا ئەسكەر ئالماشتۇرۇپ تەربىيىلەش، ھەربىي ئىش بىرلىكى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم رۇسىيىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، موسكۋاغا قاراشلىق گېزىتلەردە بۇ ھەقتە چىققان ماقالىلەردە ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رايوندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن بۇنداق بىر يولنى تاللىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان.

ئامېرىكا باش قوماندانى داۋىد پېتروسنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىسلام كېرىموفمۇ 2005 - يىلى تاقىۋېتىلگەن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تەكرار ئېچىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئەسكىرى مەۋجۇتلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نېمىنىڭ ئىپادىسى، رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ.

بىز بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

سۇئال: ھۆرمەتلىك ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بۇنداق بىر قاتار ئەسكىرى كېلىشىملەرگە قول قويۇشىنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قانچە ئايدىن بېرى بەزى يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن 8- ئاينىڭ بېشىدا رۇسىيە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر ھەربىي بازا ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۆزبېكىستاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان بىر ئەھۋال. چۈنكى پەرغانە ۋادىسى بولغان جەنۇبى رايوندا بىر رۇس ھەربىي بازىسىنىڭ بولۇشى ئۆزبىكىستان - قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىدە قىرغىزىستاننىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆزبېكىستان قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقان ئىدى. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى قىرغىزىستاننىڭ نارىن دەرياسىغا قەمبەر ئاتا ھىدروئېلىكتىر ئىستانىسىنى قۇرۇشى ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار قەرز بېرىشنى ۋەدە قىلىشىمۇ، ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. چۈنكى ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئانا سۇ مەنبەسى مانا بۇ دەريا ئېقىنلىرىدىن كېلىدۇ. شۇڭا ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ھەر ئىككىلىسى نارىن دەرياسىغا قىرغىزىستاننىڭ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشىغا قارشى. مانا بۇ ئىككى ئىش تۈپەيلى ئۆزبېكىستان مۇشۇ ئاينىڭ 4 - كۈنى باياننامە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئىشتىن قەتئىي مەمنۇن بولمىغانلىقىنى ئوچۇق ھالدا ئىپادە قىلدى.

ئامېرىكىمۇ قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئۆزبېكىئىستان ۋە تۈركمەنىستاندا يىل ئاخىرىغىچە بىر ھەربىي بازا ئېچىش ئۈچۈش ئىزدىنىۋاتقان، ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي ياكى غەيرى رەسمىي يوللار ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. بۇ ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا ھەربىي باش قوماندانىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتىمۇ مانا بۇ يۇقىرىدىكى سەۋەبلەردىن ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ ھەربىي كېلىشىملەر مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيىگە ئەگەر سەن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى فەرغانە ۋادىسىدا بازا قۇرىمەن ۋە قىرغىزىستاننىڭ ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىمەن دەيدىكەنسەن، مەنمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بازا قۇرۇشىغا ماقۇل دەيمەن، دەپ بېرىۋاتقان ئاگاھلاندۇرۇشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

سۇئال: رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەزەلدىن بېرى راھەتسىز بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن رۇسىيە بىلەن خىتاي بىئارام بولمامدۇ، سىزچە؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بىئارام بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ چىشى پاتمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا بۇ ھەربىي بازىنى تەكرار ئاچسا ياكى يېڭى بىر ھەربىي بازا ئاچسا بۇنى ئافغانىستاندىكى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش نامى ئاستىدا ئاچىدۇ. شۇڭا ئەگەر بۇنىڭغا خىتاي بىلەن رۇسىيە قارشى چىقسا ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشىغا قارشى چىققان يەنى جۈملىدىن تېررورنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بوپ قالىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ رايوندا ھەربىي بازا ئېچىشىنى رۇسىيە بىلەن خىتاي كۆڭۈلدىن خالىمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئوچۇق قارشى چىقالمايدۇ. ئۆزبېكىستان بۈگۈنگىچە قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىن پەرقلىق بىر ھالدا ھېچكىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالمىغان ئاساستا سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى ۋە رايوندا تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ كەلدى. چۈنكى قازاقىستاننىڭ نۇرغۇنلىغان رۇس نوپۇسى بار ۋە مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن، شۇڭا قازاقىستان خالىسىمۇ‏- خالىمىسىمۇ سىياسىتىدە رۇسىيىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك، قىرغىزىستان ئىقىتسادىي ئەھۋالى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن خىتايغا باغلىق. ئەمما ئۆزبېكىستان ھەم ئۆزىنىڭ نوپۇسى ۋە مەركىزى ھاكىمىيىتى سەۋەبلىك ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئەگەر رۇسىيە قىرغىزىستاندا ئىككىنچى ھەربىي بازىسىنى ئاچىمەن دەيدىكەن، ئۆزبېكىستانمۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان دۆلەت ھالىغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سۇئال: ھۆرمەتلىك ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ رايوندا ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇشى خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن نېمىنى ئىپادە قىلىدۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا يەرلىشىشى خىتاينى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي ھەر تەرەپتىن ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ قورشاۋىدا قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ شەرق تەرەپلىرىدە تەيۋەندە، ياپونىيىدە ۋە كورىيىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى بار، غەربتە ئافغانىستاندا ۋە پاكىستاندا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلىرى بار ۋە ھازىر قىرغىزىستاندا بار. ئەمدى ئۆزبېكىستاندا كۈچلۈك بىر ھەربىي بازا قۇرۇلغان تەقدىردە، خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق راھەتسىز بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، ھەربىي جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىنى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى شۇنداقلا كېڭىيىدىغان رايونلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.

خىتاي بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئېنىرگىيە، ئىقتىسادىي، سىياسى جەھەتلەردە يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شاڭخەي ئىش بىرلىكى ئارقىلىقمۇ بۇنى قىسمەن قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىنى قايتىدىن قولغا ئېلىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇ رۇسىيە ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئەھۋال. شۇڭا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي ئۆزبېكىستان بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. لېكىن ئۆزبېكىستاننىڭ قانداق قارار ئالىدىغانلىقى، بىز بىر ئاز ئاۋال دەپ ئۆتكەن رۇسيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازا قۇرۇش قارارىغا باغلىق.