ئەمما، كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكا باش قوماندانى داۋىد پېتروسنىڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشى ۋە ئىسلام كېرىموفنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تەكرار ئېچىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىپادە قىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنغان ئىدى.
بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى ئالدىنقى پروگراممىلىرىمىزدا بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پەرغانە ۋادىسىدا ئىككىنچى ھەربىي بازا قۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئۆزبېكىستان رۇسىيىگە قاتتىق نارازى بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستان رايوندا تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇش يولىنى تاللىدى، دېگەن ئىدى.
سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازىسىنى قايتا ئېچىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيىگە "سەن ئەگەر قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى فەرغانە ۋادىسىدا ھەربىي بازا قۇرىمەن ۋە قىرغىزىستانغا ھېدرو-ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىمەن دەيدىكەنسەن، ئۇ ھالدا مەنمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ماقۇل دەيمەن" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر رۇسىيە قىلىدىغىنىنى قىلىمەن دېسىلا ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە مانا مۇشۇنداق تەرەققىيات جەريانلىرى بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى سېنتەبىر مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە يوللىشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد نورلاندنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سۆھبىتى مۇھىم تەرەققىياتلارنىڭ خەۋەرچىسى دەپ قارالماقتا.
يەنە بەزى خەۋەر مەنبەلىرى بۇ سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مۇھىم تەكلىپ سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۆزبېكىستان مىللى خەۋەر ئاگېنتلىقى "ئۇزا" بولسا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۆزبېك - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
بىرىنچى سېنتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 18 - يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، پايتەخت تاشكەنتتە مۇستەقىللىق كۈنىنى ۋە تاشكەنت شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2200 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 31 - ئاۋغۇست كۈنى ئاخشام تاشكەنتتىكى ئەلىشىر ناۋايى باغچىسىدا زور كۆلەملىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
پائالىيەتكە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانلار تەكلىپ قىلىنغان.
تۈرك يۇردۇ خەۋەرلەر تورىدا مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى رىچارد نورلان قىلغان تەبرىك سۆزىدە، "ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز كېلەر يىلى تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. باش ئەلچىنىڭ بۇ سۆزى ئالاھىدە دىققەت تارتقان بولۇپ، بۇ سۆز ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى كەلگۈسى ھەربىي جەھەتتىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ بىشارىتى دەپ قارالماقتا ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازىسىنى قايتا ئېچىشى بىلەن رايوندا تەڭپۇڭلۇقنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭمۇ ئاچقۇچلۇق دۆلەت ھالىغا كېلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشماقتا.