مۇشۇ جەرياندا رادىئومىز مۇخبىر جۈمە، مەزكۇر ئۆمەككە قاتنىشىپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى نەمەنگان شۆبىسىنىڭ مەسىلىسى ناسىر زاكىر ئەپەندى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ( يەنى ئۆزبېكىستان ئىنسان ھوقۇقلىرى جەمئىيىتى) 1992 - يىلى 2 - مارت قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختالغان ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى نەمەنگان شۆبىسىنىڭ باشلىقى ناسىر زاكىر ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىغا قارشى پىكىردىكى پارتىيە "بىرلىك پارتىيىسى" نىڭ يوللىرى تارلىشىشقا باشلىغاندىن كىيىن، "بىرلىك پارتىيىسى" نىڭ جەمئىيەتتە يەنە مۇئەييەن رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇشبۇ تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان.
ناسىر زاكىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، شۇ تەشكىلاتقا يانداشقان ھالدا ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ شۆبىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1993 - يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا خاراكتېرىدىكى خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزبېكىستاندا تۇرۇش ۋە خىزمەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى قالمىغاندىن كىيىن ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان.
ناسىر زاكىر ئەسلى مۇخبىر بولۇپ، ئىلگىرى ئازادلىق رادىئوسىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە شۇ جەرياندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا سوئال قويغان.
ناسىر زاكىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەلكىم ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، 1993 - يىلى ناسىر زاكىر ئازادلىق رادىئوسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىش باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ساقلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە شۇ جازا بىلەن بىر يىل تۈرمىگە قامىغاندىن كىيىن قويۇپ بەرگەن.
ناسىر زاكىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ 2005 - يىلدىكى ئەنجان پاجىئەسىنى بىرىنچى بولۇپ دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىكەن. ئۇ 2005 - يىلى يەنە 8 ئاي تۈرمىگە تاشلانغان. شۇ يىلى دېكابىردا ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمى تاقالغان.
نازىر زاكىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي ھاۋاسى بىر ئاز ياخشىلىنىپ، مەيلى قارشى پىكىردىكى تەشكىلاتلار ۋە مەيلى كىشىلىك ھوقۇق خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلارغا بولسۇن مۇئەييەن ئورۇن ۋە پائالىيەت بوشلۇقى بېرىلگەن بولۇپ، 2005 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە باش شتابى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان ئەركىنلىك سارىيى نەمەنگاندا بىر ئىشخانا ئاچقان.
ئەمما 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كىيىن بۇ تەشكىلاتلار تاقىلىپ كەتكەن. ئىگىلىشىمىزچە، ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ئۆزبېكىستان بۆلۈمى تاقالغان كۈنلەرنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 100گە يېقىن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستاندىن قوغلانغان.
ھالبۇكى، ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ھېلىھەم ئۆزبېكىستاندا ئۆز پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە داۋام ئېتىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە توختالغان ناسىر زاكىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تەھدىتنى ھەر كۈنى ھېس قىلىپ تۇرىدىكەن.
ئۇنداقتا ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي ھاۋاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشى قانچىلىك؟
ناسىر زاكىر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز سىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدۇ.