2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆزبېكىستان مۇنبىرى نامى ئاستىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، ئۆزبېك ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
نامايىشنىڭ مەقسىتى 24-سېنتەبىر رۇپىيىنىڭ ئىۋانوۋو شەھىرىدە، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ لىدەرى فۇئاد رۇستەمھاجىيۇفنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئىكەن.
ئۆزبېك ۋە تۈركلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلار، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى ئىسلام كەرىمۇفقا قارشى شوئار توۋلىدى. نامايىشچىلار بىردەك، ئەركىنلىك كېلىدۇ، دىكتاتور كېتىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش شوئار توۋلىدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا، كەرىمۇف بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز، ساڭا راھەتلىك يوق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەن قاتىل كەرىمۇف ئىستېپا، كەرىمۇف قاتىل! دېگەنگە ئوخشاش چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار ئىسلام كەرىمۇفنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن.
نامايىش جەريانىدا ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيە شۆبە باشلىقى نۇرمۆمىن ئەپەندى، فۇئاد رۇستەمھاجىيۇفنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى.
نامايىش جەريانىدا تۈركىستان ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ باياناتچىسى ئادەم چېۋىك ئەپەندى نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەدىكى باشلىقى فۇئاد رۇستەمھاجىيۇفنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى ئىسلام كەرىمۇفنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
كەرىمۇفنىڭ 20 يىلدىن بۇيان كۈچىنى ئۆز مۇخالىپلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى ئادەم چېۋىك ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
نامايىش جەريانىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى تۇبا سۆنمەز خانىم سۆز قىلىپ، جەمئىيىتىنىڭ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن كەرىمۇف ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغان لىدەرلەرنىڭ بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقانغا ئوخشاش يىمىرىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن سۆنمەزخانىم، كەرىمۇفنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەدىكى باشلىقى فۇئاد رۇستەمھاجىيۇفنىڭ 24-سېنتەبىر كۈنى ئۆيىنىڭ ئالدىدا نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان مەكتۈب ئۆزبېكىستان كونسولخانىسىغا تاپشۇردى.
بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئەلىبەي يۇلياخشى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئادەم چېۋىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: فۇئاد رۇستەم ھاجىيۇف، رۇسىيە پۇقراسى بولۇپ بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى كەرىمۇف رىجىمىغا قارشى ئالدىنقى سەپتە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۆتكەن ماي ئېيىدا ئۆزبېك مۇخالىپلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەدىكى مەسئۇلى بولۇپ سايلانغان.
فۇئاد رۇستەمھاجىيۇف 24-سېنتەبىر ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 ئەتراپىدا رۇپىيىنىڭ ئىۋانوۋو شەھىرىدە ئۆيىنىڭ ئالدىدا كەرىمۇفنىڭ تېررورلۇق قىلىشى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ۋەقەنى كۆرگۈچى شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپتە رۇسچىدىن باشقا بىر تىلدا يۇقىرى ئاۋازلار كېيىن 4، 5 قېتىم ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان. فۇئاد رۇستەمھاجىيۇفنىڭ ئۆزبېكچە سۆزلىشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارا بولدى. ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ياش يىگىت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىۋاتقان كۈرەشچىلەر ئىدى. كەرىمۇف ئۆزىگە مۇخالىپ چىققان پائالىيەتچىلەرگە سۇيىقەست قىلىۋاتىدۇ.