ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىللارىي كلىنتون خانىم 22- ۋە 23-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بىرلەشمە قوشۇن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەم بالا ئىشچىلار مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىللارىي كلىنتون خانىم سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن يالغۇز ئافغانىستان مەسىلىسىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا نۇرغۇن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى، ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ رايوندا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ، «ئەگەر ئۆزبېكىستان تەرەققىياتقا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئورنىتىلىشىنى مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى قىلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن شۇنىڭدەك تاشكەنتنى قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا دەۋەت قىلغان.
خىللارىي كلىنتون خانىم ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەتلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدىمۇ ئۆزبېكىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىش بىلەن بىرلىكتە ئۆزى بىۋاسىتە ئىسلام كېرىموفقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىگەن ھەم ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان زىددىيىتى ئامېرىكىنى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن رايوندا ئۆزىگە باشقا ھەمراھ ئىزدەشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان شەكىللىنىۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەت ئۆزبېكىستاننىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرماقتا ئىكەن. ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىلىت گېۋورگىيان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كارىدورنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئافغانىستانغا ئۇلىشىدىغان بىر يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆز مۇلاھىزىسىدە «پاكىستان بىلەن بولغان زىددىيەتلەردىن كېيىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باشقا بىر يول ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كارىدوردا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ۋە ئۆز-ئارا ئىشەنچ قاتارلىقلاردا نۇرغۇن كاشىلىلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ، ئامېرىكا بىلەن ناتونى ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتىدىن ئويلىشىشقا مەجبۇرلىماقتا» دېگەن.
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان ئىدى. 2005-يىلى ئۆزبېكىستاندا ئەنجان ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلىشى ھەم ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق چۈشۈپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ماناس ھەربىي بازىسى بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمما مۇتەخەسسىس لىلىت گىۋورگىيان ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي ئەشيا يەتكۈزۈش بازىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا ئېچىلىدىغان يول بەكرەك قۇلايلىق ۋە چىقىمى ئاز بولغانلىقتىن، ئۆزبېكىستاننىڭ قىرغىزىستاندىن بەكرەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھازىر بۇنىڭغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلغان.
دەرۋەقە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ئۆزبېكىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى چەكلەيدىغان قانۇننى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىغان. باراك ئوباما كېڭەش پالاتاسىغا ئۆزبېكىستانغا قويۇلغان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىدىغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزبېكىستاننىڭ جەلپكارلىقىنىڭ ئېشىشىدەك بىر ۋەزىيەت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزى بىلگەننى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئالدىنقى ھەپتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى مۇنبىرىگە ئوخشاش ئونغا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئۆزبېكىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى.
ئۇلار ئەنجان ۋەقەسىنى خاتىرىلىتىپ، ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش مەسىلىسى ۋە بالا ئىشچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مۇتەخەسسىسلەر بولسا نۆۋەتتىكى شارائىتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىشى مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلىدىغان ھەربىي ياردەملىرىنى ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە تايانچ بولىدىغان شەكىلدە، قاتتىق كونترول ۋە شەرتلەر ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مەيلى قايسى شەكىلدە بولمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.