ئۆزبەكىستان ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ 24-يانۋار كۈنى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار پەيدا بولماقتا.

0:00 / 0:00

رۇسىيىنىڭ "مۇستەقىل گېزىتى " دە ئېلان قىلىنغان "ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۇتالمىغان ئويۇنى" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ۋىكتورىيە پانفىلوۋا مەزكۇر سەپەرنىڭ ئۆزبەكىستان بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش توغرىلىق كېلىشىم ھەم شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھۆججەتكە قول قويغانلىقى بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كەرىموفنىڭ بريۇسسېلغا كېلىشىنى ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى نامايىش بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ سەپەرگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆزبەكىستان رەھبىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ياكى ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا بېسىم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، كەرىموفنىڭ ياۋروپا كومىسسىيىسى رەھبىرى جوزىې مانۇئېل بارروزۇ ۋە ناتو باش كاتىپى ئاندېرس راسمۇسسېن بىلەن بولغان مۇزاكىرىلىرى داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى تۈپەيلى نامايىشنىڭ دىققەتتىن سىرت قالغانلىقى پەرەز قىلىنغان.

پانفىلوۋا بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ياۋروپادا دېموكراتىيە مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەيۋاتقانلىقى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە كاۋكاز بويىچە مۇتەخەسسىس سانوبار شېرماتوۋانىڭ مەزكۇر گېزىت مۇخبىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن نەقىل كەلتۈرگەن. شېرماتوۋا مۇنداق دېگەن: "غەرب مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئۆز مەۋقەسىنى قايتا قاراپ چىقتى.

مەركىزىي ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى غەرب ئىدىيىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر بولغان رايون ئەمەسلىكى ھەققىدە پىكىر قېلىپلاشقان. ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مەنپەئەتلىرى بىرىنچى ئورۇنغا چىقماقتا. كەرىموفنىڭ سەپىرى ياۋروپا سىياسىتىدىكى مۇشۇ بۇرۇلۇشنى نامايىش قىلدى."

ماقالە ئاپتورى كەرىموف ۋە ناتو باش كاتىپى ئوتتۇرىسىدا ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەلدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىر كېلىشىمگە كېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەنگەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

پانفىلوۋانىڭ ئېيتىشىچە، كەرىموف بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھىمايىسىدە ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش مەملىكەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئا ق ش، ناتو ۋە رۇسىيە تەركىبىدىكى "6+3" ئالاقە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىغان بولاتتىكەن. ئەمما، بۇ تەكلىپنى رۇسىيىنىڭمۇ، غەربنىڭمۇ قوللىمايۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

پانفىلوۋا شۇنداقلا ئۆزبەكىستان ۋە ئا ق ش ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سوغۇقچىلىقنىڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كېيىن بىر قەدەر يېنىكلەشكەنلىكىنى، ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا قارىتا ئۆز سىياسىتىنى مەبلەغ سېلىش ۋە يېڭى تېخنولوگىيىلەر ئارقىلىق تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆز نۆۋىتىدە ئا ق ش ئۆزبېكىستانغا قوشنا ئافغانىستاندا تۆمۈر يول سېلىش، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئوخشاش لايىھىلەرگە قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كەرىموفنى بريۇسسېلغا كىمنىڭ تەكلىپ قىلغانلىقى مەسىلىسىدە ھەر خىل قاراشلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شۇنداقلا "خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى"، "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى"، "مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى"، "خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى"، ياۋروپا پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئوخشاش ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى كەرىموفنىڭ بريۇسسېلدا قارشى ئېلىنىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.