ئىسلام كەرىموف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قارشى چىقتى

21 - 22 - ئاپرىل كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام ئابدۇغېنى ئوغلى كەرىموف رەسمىي زىيارەت بىلەن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئىككى كۈن تۇرۇپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېف بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ كوپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.04.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 6 قۇرغۇچىلىرى شاڭخەيدە.
AFP
 بىراق، ئىسلام كەرىموف نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قوللىمىغان.

 كەرىموف : بۇ بىز ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدىغان تەشەببۇستۇر

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سۈپىتىدە ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىر مەزگىل ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 17 يىلدىن بۇيان ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن سايلىنىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئاخىرقى قالدۇق سوۋېت رەھبەرلىرى ئىسلام كەرىموف بىلەن نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم ئۇچرىشىشىدا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسىدە پۈتۈشەلمىگەن.

"بۈگۈنكى قازاقىستان" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام كەرىموف نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەشەببۇسىنى قەتئىي يوسۇندا رەت قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ مەزكۇر ئىتتىپاققا قېتىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات يىغىنىدا كەرىموف جۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، " بىز ئۈچۈن بۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان تەشەببۇستۇر، بۇ ماۋزۇغا يەنە قايتماسلىق ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم قەتئىي تۈردە بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن" دەيدۇ .

ئۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئىتتىپاققا قوشۇلمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن بىرىنچىدىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە كۈچى بىر - بىرى بىلەن تەڭلىشىۋېلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەزكۇر دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىتى ۋە تاللىغان يۆنىلىشلىرى بىر - بىرى بىلەن زىددىيەتلىك بولماسلىقى لازىم " - دېگەن.

نازاربايېف "ئىتتىپاق" ئارقىلىق مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئگ
islam-kerimof-sh6
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 6 قۇرغۇچىلىرى مانېۋىردا.
AFP
ە قىلماقچى ئىدى

نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىزچىل ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، ئەگەر مۇنداق بىر ئىتتىپاق قۇرۇلسا، مەزكۇر رايوننىڭ ئۆزىنى يېمەك ئىچمەك، ئېنېرگىيە ۋە باشقىلار بىلەن تولۇق تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن .

 نازاربايېف ئۆز تەشەببۇسىدا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بازىرى، ئورتاق ئىقتىسادى شۇنىڭدەك ئورتاق پۇلى قاتارلىقلارنى چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مەزكۇر ئىتتىپاق ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقىلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىسلام كەرىموف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قارشى چىقىدۇ؟ ئىسلام كەرىموف مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئەمەلىيەتتە مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ يېڭى نەرسە ئەمەسلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىرلىشىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، مەسىلەن 1998 - يىلى مەركىزىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، 2001 - يىل ئۇنىڭ مەركىزى ئاسىيا ئىتتىپاقى بولۇپ قايتا ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2005 - يىلى ئەمەلدىن قالغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرسەتكەن. پرېزىدېنت كەرىموف " بۇنداق ئارزۇلار كۆپ بولغان. ئىنتىلىشلەر بۇنداق ئىتتىپاقىنى جانلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن، بەزى ئايرىم ھەرىكەتلەر ئۆزارا توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان " دەيدۇ. ئۇ، يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ سودا شارائىتى ۋە باشقا بەزى جەھەتلەردىن قازاقىستاندىن ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئەمەلىيەتتە ئۆزبېكىستانلىقلار بىرلىشىشنى خالايدۇ

لېكىن، ئۆزبېكىستانلىق مۇتەخەسسىس پەرھات تالىپوف بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇنداق بىر ئىتتىپاققا مۇھتاج ئىكەنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە باشقا تۈرلۈك جەھەتلەردىن بىر - بىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى مالىك مەنسۇرنىڭ يېزىشىچە، كۆپ ساندىكى ئۆزبېكىستانلىقلار نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قوللىسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئانچە قىزىقمايدۇ.

 مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قوللىغان بولۇپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ ئېنىق بىلدۈرگەن. تاجىكىستان تەرەپنىڭمۇ قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم، ئەمما تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئېنىق قارشى چىققان.

مەسىلە كىمنىڭ لىدېر بولۇشىدا

ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يېڭى شەكىلدىكى بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش كۈچەيگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى قۇرۇلتىيىدا بىرلىك ھەم ئورتاق پارلامېنت قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. يېقىندا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى بىرلىكىنى قۇرۇش رەسمىي قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزبېكىستان بۇنىڭغا قوشۇلمىغان. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان رەھبەرلىرى مەزكۇر ئىدىيىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەم تەشەببۇسكارلىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

 ئىسلام كەرىموفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قوللىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەر خىل قاراش بار. ئەمەلىيەتتە، 1995 - يىلى ئىسلام كەرىموف " تۈركىستان ئورتاق ئۆيىمىز "دېگەن ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ "تۈركىستان " نامى ئاستىدىكى بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان شەخس ئىدى. لېكىن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى زور بولۇپ، قازاقىستاننىڭ خەلقئارالىق ئابرويى ئاشتى ھەمدە رايوندىكى رەھبىرى دۆلەتلىك ئورۇنغا ئۆتتى،. قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس خەمىت ھەمرايېفنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان رايوندىكى رەھبەر دۆلەت بولۇشقا ئىنتىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىمكانىيەتلىرى ئازلاپ، قازاقىستاننىڭ ئورنى كۆتۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام كەرىموفنىڭ نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىماسلىقى تەبىئىي.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.