ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئا ق ش دىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىق پۈتكۈل بىر سوتسىيالىستىك ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىققا ئايلانغان بولسا، ئەمدى بۇ مەركىزىي ئاسىياغا بىر نەچچە مەملىكەت ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئىلگىرى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن بۇ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكتە. مۇنداق قارشىلىق، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدە بايقالماقتا. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بەزى توقۇنۇشلار ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرى خەۋەرلىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار كۆپەيمەكتە.
يېقىندا ئىستراتېگىيىلىك مەدەنىيەت فوندى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئالېكساندىر شۇستوفنىڭ «ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان توقۇنۇشى كەسكىنلەشمەكتە» ناملىق ماقالىسى ئەنە شۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكەنكى يىلنىڭ نويابىر ۋە مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئايلىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ قايتا كەسكىنلەشكەنلىكى ھەم بۇ كەسكىنلىكنىڭ كۆپىنچە ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن، يەنى ئۆزبېكىستان ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ئارقىلىق تاجىكىستانغا بېسىم كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە 2009-يىلنىڭ نويابىر ئېيىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاننىڭ تۆمۈر يوللىرىدا تاجىكىستانغا تەئەللۇق يۈكلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، 2010-يىلغا قەدەر 150، ئەمدى فېۋرال ئېيىغا قەدەر بولسا 400 ۋاگون يۈكنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن توسۇپ ئېلىنغانلىقى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ كېلىشىمى بىلەن 178 ۋاگون تاجىكىستانغا چىقىرىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەھۋالنىڭ يەنىمۇ قىيىن ئىكەنلىكى، بۇنىڭ سەۋەبىدىن 2010-يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا تاجىكىستان يۈك توشۇش پىلانىنىڭ 40 پىرسەنتكە قىسقارتىلغانلىقى ئېيتىلغان.
ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكىستانغا نىسبەتەن مۇنداق مەۋقەدە تۇرۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى شۇنۇڭدىكى، تاجىكىستان ئۆزىنىڭ «روگۇن گىدرو ئېلېكتر ئىستانسىسى» نىڭ ئىشىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا تاجىكىستان ئارقىلىق ئۆتىدىغان ئامۇ دەرياسى سۈيىنى قىسقارتقان ئىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە ئىكەن. ئامۇ دەرياسى سۈيىنىڭ ئازايتىلىشى دېھقانچىلىق بىلەن كۈن كۆرۈۋاتقان ئۆزبېكىستاننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىن ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىشى تەبىئىيدۇر. ئۆتكەنكى يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا ئۆزبېك-تاجىك چېگراسىنىڭ گالابا-ئامۇزانگ رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇنى «تېررورلۇق ھەرىكەت» دېگەن ئاخبارات بېسىلىپ، ئۆزبېكىستان بۇ يۆنىلىشتىكى قاتناش ئىشلىرىنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يەنىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى. تاجىكىستان تەرەپ بولسا پارتلاش ۋەقەسىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكىستانغا بېسىم كۆرسىتىش مەقسىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ماقالە ئاپتورى ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستاندىن ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىۋاتقان تاۋارلارنى، بولۇپمۇ ئوزۇق-تۈلۈك پويىزلىرىنىمۇ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن مەركىزىي ئاسىيا بازارلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئا. شۇستوف «تاجىكىستان تۆمۈر يوللىرى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ئوسمان قەلەندەروفنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت چېگرىسىغا جەنۇبىي تاجىكىستانغا تەئەللۇق 298 ۋاگوننىڭ، شۇ جۈملىدىن 72 ۋاگون ئۇن، 26 ۋاگون ئاشلىق، 25 ۋاگون سېمونت، 26 ۋاگون يېقىلغۇ ۋە باشقىمۇ يۈكلەرنىڭ توپلانغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن تاشقىرى ماقالىدە ئۆتكەنكى يىلنىڭ 13-نويابىر كۈنى ئۆزبەك-تاجىك چېگرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش پەيتىدە بىر ئۆزبېك چېگرا خادىمىنىڭ قۇربان بولغانلىقى، بۇ توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى ئەيىبلەۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكىستان بىلەن بولغان چېگرا رايونىغا ھەربىي تېخنىكىسىنى كەلتۈرۈپ، قوشنا رايونلارغا خەتەرلىك تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى، ئومۇمەن مەزكۇر ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا قېلىپلاشقان ئەھۋالنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.