كېرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتورىلىقى سەۋەبىدىن، ئەسلىدىنلا كىشىلىك ئەركىنلىك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان ئۆزبېكىستاندا، خىتاينىڭ تەلەپ ۋە تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، بولۇپمۇ تەشكىللىنىش ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۈگۈن ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئەھۋاللىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدىكى ئوي ۋە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى ھەققىدە رەسمىي ھۆججەتلىك سان-سېپىرلار مەۋجۇت ئەمەس. ئاسىيە ۋاقتى گېزىتىدىكى بىر پارچە ماقالىدە ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، ئۇيغۇر نوپۇسى 1979 -يىلى 29104، 1989 -يىلى بولسا 35700 دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، بۇ سان ستالىن دەۋرىدىكى زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەر سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. شۇڭا ئۆزبېكىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ بىلەن 500 ئارىسىدا دەپ كۆرسەتمەكتە.
0:00 / 0:00