ئۆز - ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش
2012.07.27
دېئىل كارنېك ئۆزى توغرىلىق توختىلىپ «مەن ئىش ئۈستىلىمنىڭ تارتمىلىرىنىڭ بىرىدە ئۈستىگە مەن سادىر قىلغان ئەخمەقلىقلەر دەپ يېزىلغان مەخسۇس بىر دېلونى ساقلايمەن. پات - پات بۇ دېلونى كۆرۈپ چىقىپ، بەزى خاتالىقلىرىمنى ساناپ چىقىمەن ۋە بەزىسىنى يېزىشتىن خىجىل بولۇپ كۆڭلۈمگە پۈتىمەن. ئەگەر مەن ئۆز - ئۆزۈمگە راستچىل بولالىغان بولسام، مېنىڭ بۇ ئۈستىلىمنىڭ تارتمىلىرى خاتالىقلىرىم ۋە ئەخمەقلىقلىرىم بىلەن تولۇپ كەتكەن بولاتتى. مەن ھەر قېتىم خاتالىقلىرىم يېزىلغان دېلونى ئوقۇغىنىمدا، ئەڭ زور مۇشكىلاتلارنىمۇ يېڭىپ چىقىدىغان زور كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن، دېگەن ئىكەن.»
ئۇيغۇرلاردا«ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. دانالارغا كۆرە، ئىنسان ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، خاتا كەتكەن تەرەپلىرىنى تۈزىتىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى مۇستەھكەملەپ تۇرىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مالامەتكە قېلىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:«دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۇھىم ئىشنىڭ ھېساباتى بولىدۇ، ئۇنىڭ كىرىمى، چىقىمى، پايدىسى ۋە زىيىنى ھېسابلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت ئىنسان ھاياتى مەجھۇل تەرەپكە خۇددى سۇدەك ئېقىپ كېتىۋېرىدۇ.
مەخسۇس بىر دەپتەر تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى بىلەن يامان ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن توپلىغانلىرىنى بىلىپ تۇرۇشنى ئويلاپ باققان ئادەم بارمىدۇ؟ ئەلۋەتتە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى بۇلارنى تولۇق خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كەلگەن:«كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ.»
ئۆزىمىزنىڭ نامە ئامالىمىزنى ئۆزىمىز خاتىرىلەپ قويساق ياكى ئۆزىمىز بىلىپ تۇرساق ياخشى ئەمەسمۇ؟ دۇنيادا ھېچقانداق سودىگەر ئۆزىنىڭ تىجارىتىدىكى پايدا - زىياننى ھېسابلىماي تاشلىۋەتمەيدۇ، ھەر بىر ماگىزىن ئىگىسىمۇ ماگىزىنى ئىچىدىكى تاۋارلارنىڭ ھېسابىنى بىلىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بانكىدا قانچىلىك پۇلى بارلىقى ۋە يېنىدا قانچىلىك بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئىنسان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىلمەيدۇ، بىلگەندىمۇ بۇ دەرىجىدە بىلمەيدۇ.»
ئىنسان ئۆز - ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشقا مۇھتاج
ئەللامە مۇھەممەد غازالى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان:«تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئادەمنىڭ پات - پات ئۆز - ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بۇ ماۋزۇدا «سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆز - ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار، ئەمەلىڭلار تارازىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆزۈڭلار تارتىپ كۆرۈڭلار» دېگەن. ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئىبنى مۇقەففە ئىنسان ئۆزىدىن سادىر بولغان بارلىق ئىشلارنى خاتىرىلەپ مېڭىشى لازىم دېگەن.