ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ زىيانلىرى

ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاش، داۋاملىق زورۇقۇپ ئۆزىدە ئاز - تولا بار بولغان ئادەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تولىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، مەنمەنچىلىك قىلىش روھىي ھالىتى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا يېپىشىپ يىلتىز تارتىپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

بۇ خىل روھىي ھالەتكە ئىگە كىشىلەر ساغلام، نورمال روھىي ھالەتتىن تولىمۇ چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، بىر خىل روھىي كېسەللىككە، پىسخىكا ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەردۇر. بۇ خىل روھىي ھالەت ھامان ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، شۇنداقلا روھىي پىسخىكا ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇلاردا جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق ياكى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراش، ئادەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئېرىشكەن خۇشاللىق، روھىي ئازادىلىككە ئېرىشەلمەسلىك، سىقىلىش ئىچىدە ياشاش، جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بىراۋدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش روھىي ھالىتىنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ ساغلام ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

شۇڭا قۇرئان كەرىم بۇ خىل ناچار ئىللەتتىن مەنئىي قىلىپ، لوقمان ھاكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان مۇنۇ ۋەسىيىتىنى بايان قىلغان:" كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ."

سىراجىددىن ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىپلاس روھىي ھالەت ئىنسانىيەتكە روھىي - پىسخىكا، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن كۆپ تەرەپلىمىلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ:

1. روھىي جەھەتتىكى زىيىنى: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش بىر خىل نورمال بولمىغان روھىي ھالەت بولغاچقا، بۇ خىل زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ئادەم مېڭىسىدىكى ساغلام تەپەككۇر ھۈجەيرىلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، ئادەمنى ساغلام تەپەككۇر قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ.

2. پىسخىكا جەھەتتىكى زىيىنى: ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئادەمنىڭ مىجەزى تولىمۇ چۇس بولىدۇ. ئاچچىقلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى قىيناپلا ئۆتىدۇ. باشقىلاردىن قانداقتۇر بىر ئورۇنسىز قۇسۇرلارنى ئىزدەپلا يۈرىدۇ. ئۆزىگە چوقۇنمىغان، ئۆزىنى چوڭ بىلمىگەن كىشىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە تولا چاغلاردا كۆرەلمەسلىك كېسىلىمۇ بىرگە چاپلاشقان بولىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، مۇنداق كىشىلەر ئۆزىدىكى ئەيىبلەرنى ئېتىراپ قىلماي تېخى باشقىلارنى ئەيىبلەشكە ئالدىرايدۇ.

3. ئەخلاقى جەھەتتىكى زىيىنى: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش كەيپىياتى ئومۇمىي ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپ كەيپىيات بولۇپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئادەمنى ھېچكىم ساغلام، ياخشى ئەخلاقلىق دەپ قارىمايدۇ. ھېچكىم ئۇنداق ئادەم بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ.

4. جىسمانىي جەھەتتىكى زىيىنى: ناچار روھىي كەيپىياتلاردىن غەم - قايغۇ، قورقۇنچ، تەشۋىشلىنىش، كۆرەلمەسلىك، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش روھىي ھالىتىمۇ جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 90 پىرسەنت كېسەللىك ناچار روھىي كەيپىياتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىكەن. قالغان 10پىرسەنت كېسەللىك خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدىكەن. ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان كىشىلەر، ئولجا ئىزدەپ ماڭغان ئىت ئولجىغا ئېرىشەلمىسە كۆڭلى ئارام تاپمىغاندەك باشقىلاردىن داۋاملىق ھۆرمەت، مەدھىيە تەمە قىلىپ، باشقىلار ئالدىدا قانداقتۇر ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلالماي، سىقىلىش ئىچىدە ياشايدۇ."

گۈزەل كىيىنىش ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىق ئەمەس

سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش - ھەقىقەتنى كۆزگە ئىلماسلىق، باشقىلارنى چۆكۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ساغلام گۈزەللىككە ئىنتىلىش، چىرايلىق، سالاپەتلىك كىيىنىش ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىغا:" قەلبىدە قىچا چاغلىق كىبىر بار كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ"دېگەندە، بىر كىشى " يارەسۇلەللاھ! مەن كىيىمىمنىڭ، ئاياغلىرىمنىڭ ۋە (ئات ھەيدەيدىغان) قامچىلىرىمنىڭمۇ چىرايلىق،گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مۇشۇمۇ كىبىر بولامدۇ؟"دېگەن. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام " ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، بەندىسىگە بەرگەن نازۇ - نېمەتلەرنىڭ، ئەسىرىنىڭ ئۇنىڭدا نامايان بولۇشىنى ياقتۇرىدۇ. خۇنۇكلۇكنى ۋە خۇنۈك بولىۋېلىشنى يامان كۆرىدۇ. ئەمما كىبىر دېگەن ھەقنى مەنسىتمەسلىك، باشقىلارنى چۆكۈرۈشتۇر"دەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزىدە بار ئىقتىدارنى نامايان قىلىش، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولۇش ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقتىن سانالمايدۇ.

كەمتەرلىك گۈزەل ئەخلاق

كەمتەرلىك دۇنيادا ھەر كىم ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدىغان ئېسىل پەزىلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر. ئۆلىمالاردىن بىرى مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان:" كەمتەرلىك شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كەمتەرلىك كىمدە بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم چوڭ بىر ئىنئامغا ئېرىشكەن بولىدۇ. كەمتەرلىكتىن باشقا ھەر قانداق بىر نېمەت ئىگىسىنى باشقىلار كۆرەلمەيدۇ. كەمتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ خىسلەتنى ئىگىلىۋالغان كىشى ھېچكىمنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ."